باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خاس ماركىلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش تۈرى ئاپتونوم رايونىمىزغا ماكانلاشتى

2016.06.07 14:48         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 5 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچەيتىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا خاس ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى شىنجاڭ رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش تۈر رايونى قۇرىدىكەن، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىدىكى نۇقتىلىق تۈر، شۇنداقلا 2012 - يىلى شاڭخەي «ۋولسۋاگېن» ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدا ماكانلاشقاندىن كېيىنكى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى خاس ماركىلىق ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا ماكانلىشىشى ھېسابلىنىدىكەن.

  گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈر رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 500 مو بولۇپ، 1 - قاراردا يىلىغا 50 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 4 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، 2 - قاراردا 100 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، بارا - بارا يىلىغا 200 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى شەكىللەندۈرۈش مۆلچەرلەندى. بۇ تۈردە گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ خاس ماركىسىدىكى «چۈەنچى» يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، «چۈەنچى» ماركىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارمۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر