باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىندى

2016.04.14 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (ماتېرىيال سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جىنىڭ پارا ئېلىش دېلوسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەھقىقلىگەندىن كېيىن، چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنۇلدى. يېقىندا، شىنىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شىنىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

  تەپتىش ئورگانلىرى ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا جاۋابكار لى جىغا بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەم جاۋابكار لى جىنى سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. شىنىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار لى جى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ يېنىك سانائەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ج ك پ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومنىڭ شۇجىسى، ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلغان ۋە قوبۇل قىلغان. شۇڭا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر