- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىڭشيادا بەش ئەمەلدار ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغانلىقتىن، ئىسمى ئاتىلىپ تەنقىدلەندى
2016.04.14 15:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى بەش ئەمەلدارنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم: يىنچۈەن شەھىرى شىڭچىڭ رايونى جاڭجېن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى لياڭ ۋەنيىن تەربىيەلىنىشتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان بولۇپ، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاتچوت قىلىنىغان خىراجىتى قايتۇرۇۋېلىنغان.
يىنچۈەن شەھىرى شىڭچىڭ رايونى جاڭجېن ناھىيەلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لياڭ يۈنشيا، پارتكو ئىشخانىسى مۇدىرى شۈن يوڭنىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاتچوت قىلىنغان خىراجىتى قايتۇرۇۋېلىنغان.
يىنچۈەن شەھىرى شىڭچىڭ رايونى فېڭخۇاڭ شىمالىي كوچىسى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما ۋېيبىڭ تەكشۈرۈشتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان بولۇپ، مەمۇرىي گۇناھ يېزىش چارىسى بېرىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاتچوت قىلىنغان خىراجىتى قايتۇرۇۋېلىنغان .
گۇ يۈەن شەھىرى خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خوڭچى، شەھەرلىك مۇپەتتىشلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى گوئەن، شەھەرلىك ئىقتىسادىي سەپەرۋەرلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى چى گوجيې، شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسى خام چوت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما گوۋېن تەربىيەلىنىشتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان بولۇپ، ۋاڭ خوڭچى، لى گوئەن، ما گوۋېنغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن؛ چى گوجيېغا مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاتچوت قىلىنىغان خىراجىتى قايتۇرۇۋېلىنغان .
گۇ يۈەن شەھىرى مالىيە ئىدارىسى چىقىم قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نيەن خۇا تەربىيەلىنىشتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان بولۇپ، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاتچوت قىلىنغان خىراجىتى قايتۇرۇۋېلىنغان .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر