باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يەرلىك زايومى تارقىتىلدى

2016.04.14 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7 -ئاپرېل، مەركىزىي تىزىملاش - راسچوت قىلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭنىڭ 2016 - يىللىق 2 – تۈركۈمدىكى 30 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنى تارقاتتى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم تارقىتىلغان زايوم يېڭىدىن تارقىتىلغان 15 مىليارد يۈەنلىك زايوم ۋە ئالماشتۇرۇلغان 15 مىليارد 800 مىليون يۈەنلىك زايومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، قەرەلى ئۈچ يىللىق، بەش يىللىق، يەتتە يىللىق، ئون يىللىق مۇددەتلىك ئىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭىدىن تارقىتىلغان زايوم ئادەتتىكى مەبلىغى جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك چىقىمغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، شەھەر-بازار يولى ۋە تۇرۇبا تورى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا يولى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، نامراتلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش چىقىمىغا ئىشلىتىلىدىكەن؛ ئالماشتۇرۇلغان زايوم ئادەتتىكى مەبلىغى ئېنىقلانغان ۋە بېكىتىلگەن قەرەلى توشقان قەرزنىڭ دىرىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن. يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىش مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايرىشقا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرزىنى ئېنىقلاشقا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەتىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا، يەرلىكنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىش ھوقۇقى بىلەن مالىيە ھوقۇقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر