باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 4000 ئىستۇدېنت تاللىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلىدۇ

2016.04.14 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ‹‹2016 – يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىش ھەرىكىتى پىلانى›› تۈزۈلۈپ، بۇ يىل تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 4000 ئىستۇدېنتنى تەربىيەلەش پىلانلانغان.

  شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە تەربىيەلەشكە ئەۋەتىش خىزمىتى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئەلرايى قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىدۇر. ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئاپتونوم رايون سىرتىدا تەربىيەلەش بىلەن ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ھەم ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىستۇدېنتلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە تەربىيەلەشكە تاللايدۇ ھەم 2010 – يىلىدىن باشلاپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 4000 ئىستۇدېنتنى (كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 2500 نەپەر، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن 1500 نەپەر) تەربىيەلەيدۇ، شۇنىڭدەك كارخانا، ئاساسىي قاتلامدىكى كەسپىي ئورۇنلار ۋە ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى تەربىيەلەش ئوبيېكتى: 2010 – يىلىدىن بۇيان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلار بولۇپ، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيە ئىمتىھانى بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇپ خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىش (MHK) نەتىجىسى 3 – دەرىجىلىك B دەرىجىدىن يۇقىرى بولغانلار؛ ناھىيە – شەھەر، يېزا – بازار (كوچا باشقارمىسى)، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك ئىش ئورۇنلىرىدا تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىستۇدېنتلار؛ ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش›› خادىملىرى، ‹‹ئىستۇدېنتلار غەربىي رايون پىلانى›› پىدائىيلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى تۈر مۇلازىمەت ۋاقتى توشۇپ، لاياقەتلىك بولغان ئىستۇدېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كارخانىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىستۇدېنتلارنى تەربىيەلەش مەزمۇنىنى كارخانىلار ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ بېكىتىدىكەن. ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئىستۇدېنتلارنى تەربىيەلەش مەزمۇنى، ئاساسلىقى، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى، ئىگىلىك تىكلەش ئېڭى، ئىگىلىك تىكلەش بىلىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەربىيەلەش ۋاقتى ئادەتتە يېرىم يىل بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئىستۇدېنتلارنىڭ تەربىيەلىنىش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى ئاي بولىدىكەن.

  سىياسەت بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ تەربىيەلەنگەن مەزگىلى خىزمەت ئىشتاتى ھېسابلىنىپ، تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىپ، تاسادىپىي زەخىملىنىش سۇغۇرتىسى بىردەك بېجىرىلىپ بېرىلىدىكەن. ئىستۇدېنتلار كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۆزى تاپشۇرغان ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يىلغىچە تولۇق سوممىدىكى ياردەم پۇل بېرىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە جايلار تەربىيەلىنىشتە لاياقەتلىك بولغان ئىستۇدېنتلارنى ئىگىلىك تىكلەش بازىسى (باغچا رايونى)غا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىدىكەن ۋە كەسپىي جەھەتتە يېتەكلەيدىكەن. ئىگىلىك تىكلەش كاپالەت قەرز پۇلى بويىچە ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىستۇدېنتلار ئەمەلىي مۇكاپاتلىنىدىكەن. تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولغان ئىستۇدېنتلار يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا، ئۈچ يىلغىچە باشقۇرۇش تۈرى، تىزىمغا ئېلىش تۈرى ۋە كىنىشكا تۈرى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي خاراكتېرلىك ھەقلەر كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر