باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گوللاندىيە مەسلىھەت خاراكتېرىدە ئومۇمىخەلقنى ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

2016.04.14 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوللاندىيە سايلام كومىتېتى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان مەسلىھەت خاراكتېرىدە ئومۇمىخەلقنى ئاۋازغا قويۇش بېلەت سانىنى رەسمىي ھېسابلاش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، %61 بېلەت تاشلىغۇچى گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئالاقىلەشكۈچى دۆلەت كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقىغا قارشى تۇرغان. گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمگە قايتىدىن قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، گوللاندىيەدىكى 12 مىليون 860 مىڭ سايلىغۇچىنىڭ 4 مىليون 150 مىڭى بېلەت تاشلىغان، بېلەت تاشلاش نىسبىتى %32.28 بولغان؛ %61 بېلەت تاشلىغۇچى گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئالاقىلەشكۈچى دۆلەت كېلىشىمىنى تەستىقلىغانلىقىغا قارشى تۇرغان. گوللاندىيەنىڭ «مەسلىھەت خاراكتېرىدە ئومۇمىخەلقنى ئاۋازغا قويۇش قانۇن لايىھەسى»گە ئاساسەن، بېلەت تاشلاش نىسبىتى %30 كە يەتسە ئاندىن بېلەتنىڭ نەتىجىسى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مەسلىھەت خاراكتېرىدە ئومۇمىخەلقنى ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، پايدىلىنىش قىممىتىگىلا ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر