باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى بويىچە تەقدىرلەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى ئاچتى

نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرەيلى

2016.02.29 13:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23 - فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى بويىچە تەقدىرلەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2 - تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلىدى. يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن، 3 - تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنى كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىسى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئارال يېزىسى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 2015 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى بويىچە كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. 2 - تۈركۈمدىكى «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى ئارقىلىق پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق رايى، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئالدىنقى ئىككى تۈركۈمدىكى كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ تىرىشىشى بىلەن 3 - تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى خېلى ياخشىلاندى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ساپاسىمۇ ئۆستى، ئەمما 3 - تۈركۈمدىكى كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئىستىلى كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ، نۇرغۇن يېڭى، جىددىي سىناقلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ مۇشەققەتلىك ھەم ئېغىر بولىدۇ، شۇڭا 3 - تۈركۈمدىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى بۆسۈش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنىڭ ئىچىدىكى مول مەزمۇن، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلەپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ نامايان قىلىشى؛ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىدە تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشى؛ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئۈمىدنى يەردە قويماي، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى؛ تەشۋىقات، ھەيدەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى؛ «ئۈچ ئەل» پائالىيىتى ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى تاۋلاپ، كەنتكە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىلى ئارقىلىق ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بەنگۇڭتىڭ خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىنغا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى، شى داگاڭ، جۇ چاڭجيې، مۇتەللىپ قاسىم، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، تيەن ۋېن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر