باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

2016.02.29 13:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 28 - فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەك بولۇش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ھەققانىيلىكتە چىڭ تۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاخبارات قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن دەرھال باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم تەستىق سالدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم رولىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى، نىشان - ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپاللىق تەلىپىنى بايان قىلىپ، بىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن تۈپ يۆنىلىش ۋە مۇھىم مىزاننى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، ناھايىتى مۇھىم، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات سىستېمىسى ۋە جامائەت پىكرى سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ بىلىپ، ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇر ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشى، سۆزنىڭ روھى بويىچە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «48 خەتلىك» مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا جامائەت پىكرى خىزمىتىنى توغرا ئىگىلىشى كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشى، ماركىسىزملىق ئاخبارات قارىشى، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشى، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشى، پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتىنى قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاخبارات تارقىتىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرىنى تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار جامائەت پىكرى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جامائەت پىكرى خىزمىتىدە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يېڭى دەۋر شارائىتىدىكى جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنى، رولى، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى، ئاساسىي فاڭجېنى، ۋەزىپە ۋە تەلىپى، خىزمەت قوشۇنىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىغا قويغان تەلەپ ۋە خىزمەت تۈپ كاپالىتى بويىچە ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كونكرېت پىكرى ۋە لايىھەسىنى تۈزۈشى، سۆزنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، بايان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، سۆزنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر مەنىسىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ جامائەت پىكرى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار پارتىيەنىڭ تەشۋىقاتنى، ئىدېئولوگىيەنى، تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ئورۇنلىرى «ئىككىنى مۇستەھكەملەش»نى چىڭ ئىگىلىشى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىشى، پارتىيەدىكىلەر ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەك بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلار بىلەن جەمئىيەتتىكى تاراتقۇلارنىڭ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن تاراتقۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تەۋەلىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشى ۋە ئىگىلىشى، قاراتمىلىققا ئىگە يېتەكلەش بىلەن تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جامائەت پىكرى بازىسىنى چىڭ ئىگىلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇقىم قىلىش، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىجابىي تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي فاڭجېننى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەزنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتىن ئىبارەت مۇھىم باش تېما تەشۋىقاتىنى ياخشى تەشكىللەپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭدۈرۈش، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇجەسسەملەپ، توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى كۈچەيتىش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش، ياخشى ئوبراز تىكلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھەققانىيلىقنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئاخبارات قانۇنىيىتى توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش كېرەك. ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۇسۇل، ۋاسىتە، شەكىلدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ھەر خىل بايلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۆز سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈش، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى تاراتقۇلارنىڭ مەركەزدىكى تاراتقۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ساداسىنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، جۇ خەيلۈن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر