باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلغان تۇرسۇنغا قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىندى

2016.02.26 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىدىن ئابدۇراخمان ئەمەت) يېقىندا ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلىش دىلوسىغا سوت ئېچىپ جاۋابكار تۇرسۇنغا قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلدى .

  جاۋابكار تۇرسۇن 2015-يىلى 2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كەنت كومتىتىدا دۈجۈرنى تۇرۇش جەريانىدا ، ئۆزى بىلەن بىرگە دىجورنى تۇرىۋاتقان ئەركىننىڭ ئايالىنىڭ ئۆيدە يالغۇز ئىكەنلىكىنى ئىسىگە ئېلىپ ، دىجورنى تۇرىۋاتقانلارغا «مەن ئۆيۈمگە كېرىپ كىيىم ئالماشتۇرۋالغاچ كېچىدە ياتىدىغانغا يوتقان كۆرپە ئېلىپ چىقىۋالاي » دەپ قۇيۇپ، بۇلاڭچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئۆيىدىن كۆكتات ئاقلايدىغان ياغاچ دەستىلىك پىچاق بىلەن بوينىغا سالدىغان قارا رەڭلىك گاللىقىنى ئېلىپ ، ئەركىننىڭ ھويلىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۆيدىكى چىراقنىڭ يورۇقلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئالدىن تەييارلىۋاتقان قارا رەڭلىك گاللىق بىلەن ئېغىز بۇرنىنى ئېتىپ، تۇمىقىنى تەتۈرسىگە ئۆرۈپ كىيىپ پىچاقنى ئېلىپ كارىدۇر ئىچىگە كىرگەندە، زىيانلانغۇچى ئايگۈل ‹ كىم › دەپ توۋلىغان، جاۋابكار تۇرسۇن «مەن »دەپ قۇيۇپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ ئەركىننىڭ ئايالى ئايگۈلگە پىچاقنى تەڭلەپ «قۇلۇقۇڭدىكى ئالتۇن ھالقىنى بەر » دەپ تەھدىت سالغان ، ئايگۈل« ھالقىنى بەرمەيمەن ھالقا ساختا » دىگەندە « ساختا بولسىمۇ مەيلى بەرمىسەڭ سېنى ئۆلتۈرۋېتىمەن » دەپ پىچاقنى تەڭلەپ تۇرۇپ ئايگۈلنىڭ چېچىدىن سۆرەپ كارىدورغا ماڭغاندا ئايگۈلنىڭ سول قولى زەخمىلەنگەندىن كېيىن ، ئايگۈل قورقۇپ كىتىپ قولىقىدىكى 4.79گىرام سېرىق ئالتۇن ھالقىنى جاۋابكار تۇرسۇنغا بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار تۇرسۇن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.

  ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دىلوغا ئۇچۇق سوت ئېچىپ جاۋابكار تۇرسۇنغا بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 13يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسى ھوقوقىدىن 2يىل مەھرۇم قىلىش، قۇشۇمچە 3000يۈەن شىتراف قۇيۇش ھۆكۈم قىلىدى. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر