باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

2016.02.26 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەلىك پارتكۇم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يوقۇرى كۆتۈرۈش، مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارىتىيە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىش، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زىيىنىنى ئاممىغا تۇنۇتۇپ، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئاڭلىق ھالدا يىراق تۇرۇشقا يېتەكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ئىش-ئىزلارنى تىپىك مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىش ئاممىنى تەسىرلەندۈرۈپ ئورتاق ھاللىق جەمىيەت قۇرۇشقا يېتەكلەش مەقسىتىدە 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت-پەن-تېخىنىكا سارىيىدا ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى.

  تەربىلەش كۇرسىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكۇم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام روزى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكۇم تەشۋىقات بۆلۈمى لىكتورلار ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەنى نامەت قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن دەرس سۆزلىدى. ئۇلار مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيوروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش جاڭ چۈنشەن شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان «سىياسىدا مۇستەھكەم باشلامچىلاردىن، سۆزلەشكە جۇرئەت قىلالايدىغان، سۆزلىيەلەيدىغان جەڭگىۋارلاردىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىرداشلىرىدىن بولۇش» تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىغا «نېمىنى سۆزلەش»، «قانداق سۆزلەش» ھەققىدە تەربىيە ئېلىپ باردى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئاۋات ناھىيەسىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارە-ئۆرگانلار، مەكتەپلەر، ھەرقايسى يېزا-مەيدانلار، ھەر قايسى مەھەللە-كەنتلەردىن كەلگەن 750 نەپەر كۇرسانت قاتناشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر