باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تارىخنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، تىنچلىقنى قەدىرلەيلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى گۈزەل – سەنئەت كۆرگەزمىسى باشلاندى

2015.10.26 09:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەشكىللىگەن، جۇڭگو، روسىيە سەنئەتكارلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 25 – ئۆكتەبىر شىنجاڭ موزېيىدا باشلاندى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلغانلىقىنىڭ 1 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم تۈرى بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىگە جۇڭگو، رۇسىيە سەنئەتكارلىرى ئىجاد قىلغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزىمىغا قارشى ئۇرۇشى ئاساسىي تېما قىلىنغان يۈزگە يېقىن ئەسەر قويۇلغان. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە رۇسىيەنىڭ فاشىزىمغا قارشى تېما قىلىنغان گۈزەل – سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا زور كۆلەمدە نامايەن قىلىنىشى ئىكەن.

  كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەر ئىچىدە 31 پارچىسى رۇسىيە سەنئەتكارلىرى سىزغان ماي بوياق رەسىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيە خەلق سەنئەتكارى پسالېۋ ۋىكتور پانتېلىيېۋىچ سىزغان «پارلامېنت بىناسىنى ئىشغال قىلىش» دەك 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا زور تەسىر قوزغىغان 16 پارچە رەسىم بار. كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماي بوياق رەسىملەردە يەنە يالقۇن غازى قاتارلىق شىنجاڭلىق رەسساملار سىزغان 29 پارچە ئەسەر بار بولۇپ، ئۇلار ماي بوياق رەسىم، ھەيكەل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلىشىمچە، كۆرگەزمە 9 – نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئارىدا سىرتقا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر