باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

رايونىمىزدىكى مېيىپ شوپۇرلار «بەلگە تاختىسى»غا ئاساسەن، شىنجاڭ بويىچە ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ھەقسىز ماشىنا توختىتالايدۇ

2015.10.19 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- ئۆكتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا 20 دىن ئارتۇق مېيىپ شوپۇر «شىنجاڭ مېيىپلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەقسىز توختىتىش بەلگە تاختىسى»نى ئالدى.

  18- ئۆكتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن « شىنجاڭ مېيىپلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەقسىز توختىتىش بەلگە تاختىسى تارقىتىش مۇراسىمى» ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى ئۆتكۈزۈلدى. 2000دىن ئارتۇق شىنجاڭ مېيىپلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەقسىز توختىتىش بەلگە تاختىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى پىراۋىسى بار مېيىپ شوپۇرلارغا تارقىتىلىدۇ، ئۇلار كېلەر شىنجاڭ بويىچە ئۈرۈمچى بارلىق ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ھەقسىز ماشىنا توختىتىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېيىپ شوپۇرلار مېيىپلىق كىنىشكىسى ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مېيىپلار بىرلەشمىسىدىن«شىنجاڭ مېيىپلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەقسىز توختىتىش بەلگە تاختىسى» ھەقسىز ئالسا بولىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر