- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2015 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەنتەربىيە مەدەنىيىتى ۋە تەنتەربىيە لازىمەتلىكلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى
2015.10.13 15:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە 100 كۈن قالغان پەيتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي خەلق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش مەقسىتىدە، 9 - ئۆكتەبىردىن 12 - ئۆكتەبىرگىچە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە 2015 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەنتەربىيە مەدەنىيىتى ۋە تەنتەربىيە لازىمەتلىكلىرى، دالا ھەرىكىتى جابدۇقلىرى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يەرمەنكىگە مەملىكىتىمىزدىكى تەنتەربىيە لازىمەتلىكلىرى ۋە دالا ھەرىكىتى جابدۇقلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 100نەچچە كارخانا ۋەكىل ئەۋەتتى، يەرمەنكىگە مەيدان - ساراي ئەسلىھەلىرى، دالا ھەرىكىتى جابدۇقلىرى، تەنھەرىكەت ۋېلىسىپىتى جابدۇقلىرى، قار - مۇز ھەرىكىتى ئەسۋابلىرى، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش سايمانلىرى، توپ تۈرىدىكى ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەر، تەنھەرىكەت كىيىمى قاتارلىقلار قاتناشتۇرۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر