- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سىتۇردىنبېرگ: يېڭى بىخەتەرلىك خىرىسلىرىغا يىراق كەلگۈسى نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك
2015.10.14 15:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نورۋېگىيەدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتۇردىنبېرگ 12-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يېڭى بىخەتەرلىك خىرىسىغا يىراق كەلگۈسى نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.
سىتۇردىنبېرگ شۇ كۈندىكى يىغىندا سۆز قىلغاندىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئەتراپ مۇھىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ھالىتى بولماقتا، بىراق بۇ خىل ئەھۋال ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ، شۇڭا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇنىڭغا يىراق كەلگۈسى نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەھدىت كۈچىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يىراق كەلگۈسى تەسىرىنى باھالاش ۋە ئافغانىستان، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك تاقابىل تۇرۇش شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۈچ نۇقتىلىق خىزمىتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر