باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون گىۋىنېيە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ تىنچ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قارشى ئالدى

2015.10.14 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 12-ئۆكتەبىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، گىۋىنېيە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ تىنچ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قارشى ئالدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بان كېمون گىۋىنېيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سايلام كۈنى تىنچ كەيپىياتنى داۋاملىق ساقلاپ، زوراۋانلىق ۋە مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق بايانات ئېلان قىلماسلىققا ئىلھاملاندۇردى. بان كېمون گىۋىنېيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق تالاش تارتىشلارنى قانۇن تەرتىپى ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. گىۋىنېيە زۇڭتۇڭ سايلىمى سەككىز نامزات ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بېرىلدى. گىۋىنېيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بېلەت تاشلاش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 11-ئۆكتەبىر سائەت 7 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دە ئاخىرلاشتى. گىۋىنېيە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى بېلەت تاشلاش ئاخىرلىشىپ ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر