- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولايلى
−−ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا
2015.10.14 16:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونىمىز 13 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي تەلەپ ۋە نىشاننى بېكىتتى.
ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىغا يېتىشتە چوقۇم ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش كېرەك. بۇ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھازىرقى ۋە كېيىنكى قەدەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى.
ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكىتىمىز بىلەن ئوخشاش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە كىردى، تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلەشمەكتە، تەرەققىيات شەكلى ئۆزگەرمەكتە، ئىقتىسادىي قۇرۇلما تەڭشەلمەكتە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇشتەك مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى ئېشىپ، مىللەتلەرنىڭ باردى - كەلدىسى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، سانائەت مەدەنىيىتى ۋە زامانىۋى تۇرمۇش شەكلىگە سىڭىپ كىرىشكە پايدىسى بار؛ ئىككىنچى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ، كىچىك كارخانىلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ناھىيە ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشى ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق؛ ئۈچىنچى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغاندا، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، نېفىت ۋە نېفىتتىن باشقا كەسىپلەرنىڭ «قوش چاقى» نى ھەرىكەنلەندۈرۈشكە، بولۇپمۇ يېڭى نورمال ھالەتتىكى ئىستېمالنىڭ خاسلىققا، كۆپ خىللىققا ئىگە بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كىچىكلەشتۈرۈلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، كەسىپلەشكەن ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى، يېڭى سودا ئەندىزىسىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يېقىن بولۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىسى راۋان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى قوزغىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچكە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي كۈچكە، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى غول كۈچكە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندى. شۇڭا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتە تونۇشنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، ئەھمىيەت بېرىش، قوللاش جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر تونۇشنى «تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈم»، «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك» ۋە «ئىككى ھەممە»، «ئىككىگە دەخلى - تەرۇز قىلماسلىق»، «ئۈچتە باراۋەر بولۇش»، «ئۈچكە ئىلھام بېرىپ، يېتىشتۇرۈۋېلىش»ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى كېرەك.
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكى سىجىل، مۇقىم، تېز تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇكى، پۇقراۋى ئىگىلىك يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاجىز نۇقتا بولۇپ، قېرىنداش ئاپتونوم رايون، ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن يەنىلا پەرق مەۋجۇت. بىز پەرقلەرنى ئېنىق تونۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، رايونلارنىڭ ئىلغار تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىدىيەنى يېڭىلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەر بويىچە يۇقىرى پەللە، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى ئىستراتېگىيە قاتلىمىغا قويۇپ تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغانلا بولساق، ئۇنىڭغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بەخش ئەتكىلى بولىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىككە بولغان تونۇشىنى ھەقىقىي ئۆستۈرگەندىلا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر