باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلغان نان

2015.10.14 16:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۆيدىكىلەر نان ياققاندا ماڭا ئاتاپ ھەر خىل كىچىك توقاچلارنى يېقىپ بېرەتتى، شۇ چاغلاردا مەھەللىمىزدىكى ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىدا بىر – ئىككىدىن تونۇر بولۇپ، قولۇم – قوشنىلار نۆۋەت بىلەن نان يېقىشاتتى. بىرەر ئائىلىدىكىلەر نان ياقسا قوشنىلىرى چىقىپ ياردەملىشىپ بېرەتتى. ئۇ چاغلاردا بازاردا ھازىرقىدەك ھەر خىل پىشۇرۇق، بولكىلار، خالتىلىق تەييار يېمەكلىكلەر ئاز بولغاچقا، ئاياللار مېھماندارچىلىققا بارسا بىر نەچچە ناننى داستىخانغا چىرايلىق ئوراپ كۆتۈرۈشۈپ ماڭاتتى.

  تەرەققىيات بىزنى بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشقا ئۇلاشتۇردى، بۈگۈنكى كۈندە مەيلى شەھەر ياكى يېزا – قىشلاقلاردا بولسۇن، ناۋايخانىلار كۆپەيدى، بولۇپمۇ شەھەرلەردە ئائىلىدە نان ياقىدىغانلار قالمىدى. كۈندىلىك ئىستېمالىمىزدا داستىخاننىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مۇھىم ئوزۇقىمىز نانمۇ دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۈگۈنكى كۈندە ناننىڭ تۈرى كۆپىيىپ، ناننىڭ خېمىرىغا سۈت، تۇخۇم، كۈنجۈت، ياڭاق، بادام، قۇرۇق ئۈزۈم، ھەسەل ئارىلاشتۇرۇلۇپ يېقىلىدىغان بولدى، ناننىڭ ساقلاش ۋاقتى ئۇزارتىلىپ، سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، قىممىتىمۇ ئۆستى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شۇ يەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يېقىلغان ھەر خىل ماركىدىكى نانلار بارلىققا كەلدى. بۇ نانلار چىرايلىق ئوراپ قاچىلىنىپ، شەھەر ۋە دۆلەت ئاتلاپ ئىستېمال قىلىنىدىغان، ئەزىزلىنىپ سوۋغا قىلىنىدىغان مۇھىم سوۋغات بۇيۇمى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ناۋايلىرىمىزمۇ بۇرۇنقى جاپالىق، ئەنئەنىۋى نان يېقىش ئۇسۇللىرى بىلەن خوشلىشىپ، زامانىۋى ناۋايخانىلاردا ئۆز ھۈنىرىنى، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولدى. ‹‹ئابلاجان نانلىرى››نىڭ باش دىرېكتورى ئابلاجان، ‹‹رەھمەت نانلىرى تاللا بازىرى››نىڭ خوجايىنى ئابدۇكېرىم ئېزىز ئەنە شۇ زامانغا ماسلاشقان ناۋايلارنىڭ ۋەكىللىرى. ئابلاجان مۇنداق دېدى: مەن 15 ياشتا ناۋايلىققا شاگىرتلىققا كىرگەن، ئۇ چاغدا كۈندە ئەتىگەن سائەت 4تە ئورنۇمدىن تۇراتتىم، تاڭ ئاتقىچە ئىسسىق نانلىرىمىزنى تونۇردىن قومۇرۇپ ساتقىلى باشلايتتۇق، ناۋايلىقنى شۇنداق جاپالىق شارائىتتا ئۆگەنگەنىدىم. ئۇ چاغلاردا سىرتتىن سۇ توشۇپ، بىر خالتا ئۇننى بىراقلا يوغان تەڭلىگە تۆكۈپ، قولىمىز بىلەن خېمىر يۇغۇراتتۇق، خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولغۇچە قوللىرىم قىزىرىپ كېتەتتى، تونۇرغا ئوت ياقسام تونۇر ئەتراپىنى ئىس – تۈتەك قاپلاپ، ئۆزۈم ھازىرلا كۆمۈرخانىدىن چىققاندەك بولۇپ كېتەتتىم. مەن قاغىلىق ناھىيەسىدە توققۇز يىل ناۋايلىق قىلدىم، ئۆز كەسپىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، 1995 – يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ناۋايخانا ئاچتىم، بۇ جەرياندا چوڭ شەھەردە كۆزۈم ئېچىلدى. مەن يەنە ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا ناۋايخانا ئاچتىم. 2001 – يىلىغا كەلگەندە ناننىڭ باھاسى ئۆستى، ناۋايلارمۇ كۆپىيىپ رىقابەت كۈچىيىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ناننىڭ خېمىرىغا بەكرەك ئىشلەيدىغان بولدۇق. بىر كۈنى ئاپتوبۇستا ئۈچ كىشىنىڭ ‹‹ئابلاجاننىڭ نانلىرى ياخشى ئىكەن، مەن قىزىلتاغدىن مۇشۇ ناننى سېتىۋالغىلى كۈندە دېگۈدەك كېلىمەن›› دېيىشكەن پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن كاللامدا نېمە ئۈچۈن نانلىرىمىزنىڭ ماركىسى يوق؟ دېگەن خىيال كېچىپ، خېرىدارلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرۇپ نان سېتىۋالغان كۆرۈنۈشىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، نانغا ماركا ئىلتىماس قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. بۇ مېنىڭ توختىماي ئىلگىرىلىشىمگە سەۋەبچى بولدى. ناننىڭ ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇردۇم، شۇنىڭدىن كېيىن سودام تېخىمۇ راۋاجلاندى. مەن ناۋايلىق قىلغان 29 يىلدىن بۇيان، بۇ كەسىپتە زور تەرەققىيات بولدى. شور تونۇردىن ھازىرقى ئىسسىز، مۇھىتنى ئاسرايدىغان، توك تېجەيدىغان تونۇر ئىشلىتىشكە ئۆتتۇق، ناۋايلىق ئاسانلاشتى. خېمىر يۇغۇرۇش ئۈچۈنمۇ كۆپ كۈچ چىقارماي، خۇرۇجلارنى خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسىغا سېلىپ ئاپتوماتىك يۇغۇرىدىغان بولدۇق، ئىلگىرى بىر نەچچە خىللا نان ياققان بولساق، ھازىر بادام نان، ياڭاق نان، ھەسەل نان قاتارلىق 16 خىل نان ياقىدىغان بولدۇق. كىرىمىمىزمۇ كۈندىن – كۈنگە كۆپەيدى. ئۆزىمىز بىۋاسىتە باشقۇرۇۋاتقان ۋە ھۆددىگە بەرگەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ناۋايخانىلاردا ھازىر كۈنىگە 30 مىڭدىن ئارتۇق نان ياقىمىز، نانلىرىمىز شىنجاڭ بازارلىرىدىلا سېتىلىپ قالماستىن، ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىدا سېتىلىدىغان بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامالباغ يولىدىكى بىر تار كوچا ئىچىگە بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئېچىلغان ‹‹رەھمەت نانلىرى تاللا بازىرى›› ئاپتونوم رايونىمىزدا ناننى ئاساس قىلىپ ئېچىلغان تۇنجى تاللا بازىرى ئىدى. بۇ تاللا بازىرىنىڭ خوجايىنى ئابدۇكېرىم ئېزىز ناۋايخانىنىڭ مۇھىتى، تازىلىقىنى ياخشىلاپ، ‹‹قانداق قىلغاندا ناننىڭ تەمىنى، شەكلىنى، ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟›› دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئىزدىنىپ، ئۇزاق يىللىق ناۋايلىق تەجرىبىسى ئارقىلىق 20 نەچچە خىل ناننى بازارغا سېلىپ، خېرىدارلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ھەم ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشتى. ئابدۇكېرىم ئېزىز بۇ ئەنئەنىۋى ئاتا مىراس كەسپىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق پەن – تېخنىكا ئىنستىتۇتى بىلەن ئوزۇقلۇق تېخنىكىسى جەھەتتە ھەمكارلىق ئورناتتى. ھازىر ئۇ ‹‹ھەمراھ›› ماركىسىدىكى نان تەتقىقاتىدا دەسلەپكى قەدەمدە بەزى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ناننىڭ رېتسېپى، ئوزۇقلۇق تەركىبى، قۇۋۋەت دەرىجىسى، شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، ناننى ئۈچ ئاي سۈپەتلىك ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نان ئۈستىدىكى تەتقىقات – ئىزدىنىشلەر داۋاملاشماقتا. بۇ خىل ئىزدىنىشلەر كىشىلەرنىڭ ناننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، ناۋايلىق كەسپىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى شىنجاڭ ‹‹خەلقئارا›› چوڭ بازىرىدا ھەر خىل شەكىلدە سەنئەتلىك قىلىپ يېقىلغان نانلار ئىستېمال سۈپىتىدىلا ئەمەس، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە بىر خىل خاتىرە بۇيۇمى سۈپىتىدە سېتىلىدىغان بولدى. ئەسىرلەر بويى تۇرمۇشىمىزغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان نان دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قولى چېۋەر، زېھنى ئوچۇق، بازار ئىگىلەش كۆز قارىشى ئىلغار بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئەجرى بەدىلىگە ھازىر تۈرى، تەمى كۆپ خىللىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داڭلىق خاس مەھسۇلاتىغا ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر