باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا: ئىراننىڭ قىلمىشى ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپ

2015.10.14 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئاقساراي 13-ئۆكتەبىر، كۆرۈنەرلىك ئالامەتلەردىن، ئىراننىڭ يېقىندا يېڭى تىپتىكى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئايان بولدى دېدى.

  ئاقساراي باياناتچىسى شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن قەرەرلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىران ئارقا-ئارقىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى. ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا يەرشارىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرگە ئارىلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىدۇ.

  بىراق، ئاقساراي بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىران 11-ئۆكتەبىر ئومۇمىي مۇساپىسىدا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدىغان يېڭى تىپتىكى يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى. ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىش جەريانىنى كۆرسەتتى، بىراق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى قاتارلىق كونكىرېت تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلمىدى. بۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن بۇيان ئىراننىڭ تۇنجى قېتىم قۇرۇقلۇقتىن-قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىشى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر