باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شانلىق «12-بەش يىل»دىكى يېڭى ئۇتۇقلارغا نەزەر

خەلق گېزىتى

2015.10.14 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، 3-كەسىپنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۈنجى قېتىم 1- ۋە 2-كەسىپنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتىمۇلازىمەت كەسپىي جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ماتورىغا ئايلاندى

  مۇخبىرلىرىمىز لى لىخۈي، ۋۇ چيۇيۈ

  كۈزنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۈپىڭ ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونىدا، جىنەن گوشۇن شىركىتىنىڭ فىزىكىلىق-خىمىيەلىك تەكشۈرۈش خادىمى دۇڭ جۈنلى ۋېيچياۋ گۇرۇھىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرمەكتە. نەق مەيدان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە: مۇھىت ئاسراش كۆرسەتكۈچى خەلقئارا ئۆلچەمگە يېتىپلا قالماستىن، يەنە بۇلغىمىنى ناھايىتى ئاز چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  بىر قانچە يىل ئىلگىرى، گوشۇن شىركىتى يەرلىك قۇرۇلۇش كارخانىسى ئىدى، ھازىر، دۆلەتنىڭ تۈنجى تۈركۈم مۇھىت ئاسراش مۇلازىمىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كارخانىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆزگىرىپ، مەملىكىتىمىزدىكى 30 پولات-تۆمۈر كارخانىسىغا 60 نەچچە گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈش، چاڭ-توزاننى تۈگىتىش يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىسى ياساپ بەردى، ئۇنىڭ بازار نىسبىتى مەملىكىتىمىزنىڭ ٪20تىن ئارتۇقراقىنى ئىگەلەيدۇ. گوشۇن گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى لۈ خېۋۇنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 2-كەسىپكە تەۋە بىناكارلىق كەسپىدىن 3-كەسىپكە تەۋە مۇلازىمەت كەسپىگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ كەسىپ نەتىجىلىرىنىڭ ئېشىشىمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرگەن: 2013-يىلى قىلغان كىرىمى كەسىپ ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرىدىكىدىن ٪116.7 ئاشقان، 2014-يىلى ٪90.4 ئاشقان، پايدا ۋە باج ٪122.7 ئاشقان. بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، كارخانا يەنە پايدا ۋە باجنى تەڭلا ٪80تىن ئاتۇق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ بىر قاتار سىياسەتلىرىنىڭ قوللىشىدا، دۆلىتىمىزدە 3-كەسىپ بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ، GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئېشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ماتورىغا ئايلانغان. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى دۆلىتىمىزدە 3-كەسىپ ياراتقان قوشۇلما قىممەتنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۈنجى قېتىم 2-كەسىپتىن ئېشىپ، ٪46.9كە يەتكەن، 2014-يىلى ٪48.1كە يەتكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 3-كەسىپ ياراتقان قوشۇلما قىممەت داۋاملىق ئالدىدا مېڭىپ، 2-كەسىپتىن 5.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىش، GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ٪49.5كە يېتىشتەك ياخشى نەتىجىنى يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېرىم كۈچكە ئايلانغان.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر