- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئاياللارنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2015.10.14 15:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 13- ئۆكتەبىر «ئاياللار، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» مەسىلىسى بويىچە قارار ماقۇللاپ، ئاياللارنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى قوغداش قاتارلىق ئىشلاردا جىنس باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى. قاراردا مۇنداق دېيىلدى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە بىر قېتىم ھەر قايسى دۆلەتلەرنى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ھەل قىلىدىغان دۆلەت، رايون تەشكىلاتلىرى ۋە مېخانىزمنىڭ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدا تېخىمۇ كۆپ ئايال ۋەكىللەرنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ھەرىكىتى پىلانى قاتارلىق رامكىلارغا ئاياللار، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئالاقىدار قارالمىلارنى كىرگۈزۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
قاراردا تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتىگە ئەسكەر چىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالارغا جىنسىي پاراكەنچىلىك سالغان خادىملارنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ھەم ئەيىبلەشكە سۇنۇشى دەۋەت قىلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر