- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خۇاڭ يىڭجيې: مەن كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرىمەن
2015.10.14 16:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسىدىكى تۆۋەن خادىلىق كەنتىدە ئۇيغۇر ئاھالىلىرى %99نى ئىگىلەيدۇ، خۇاڭ يىڭجيې كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، شۇنداقلا مەكىت ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كەنتلىرىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ ياچېيكا شۇجىسى. خۇاڭ يىڭجيې 2008 – يىلى بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىققا سايلانغان. ئۇ بۇ يىللاردا كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئىلمىي يوسۇندا كېۋەز تېرىپ ۋە ياڭاق پەرۋىش قىلىپ، ئالاھىدە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنى پائال سىرتقا چىقىرىپ، كۆپ مەنبەلىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەسلىدىكى كەمبەغەل ھەم قالاق كەنتنى ئاسفالت يوللار ياسالغان، ھەممەيلەن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن، ھەممە ئائىلىلەرگە سۇ، توك يەتكۈزۈلگەن يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى.
ئۇ كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا شۇنىڭغا ياردەم بەردى
مەن 26 – سېنتەبىر خۇاڭ يىڭجيېنى كەنت ئاھالىسى ئەركىن ھىمىتنىڭ كۆممىقوناق ئېتىزىدا ئۇچراتتىم، ئۇ ئەركىن ئائىلىسىنىڭ كۆممىقوناق يىغىشىغا ياردەملەشكەچ، كۈزلۈك تېرىلغۇ ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈردى. قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىلگەن بۇ بىر قانچە كۈن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلى بولۇپ، دېھقانلار كۆممىقوناق يىغىش، يەر ئاغدۇرۇش، پاختا تېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. خۇاڭ يىڭجيې كۆممىقوناق يىغقاچ ماڭا مۇنداق دېدى: ئېتىزدىكى كۆممىقوناقلارنى يىغىپ بولاي دېدۇق، شاخ – شۇمبىلارنىڭ %70ى يەم – خەشەك قىلىپ بولۇندى، قىشلىق بۇغداي ئېتىزلىرىمۇ ئاغدۇرۇلۇۋاتىدۇ، 10 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئىلگىرى كەنتنىڭ 3000 مودىن ئارتۇق يېرىگە قىشلىق بۇغداي تېرىپ بولىمىز. خۇاڭ يىڭجيې مەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدىن ‹‹مەمەتجاندىن تېلېفون كەلدى! مەمەتجاندىن تېلېفون كەلدى!›› دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. خۇاڭ يىڭجيې تېلېفوننى ئېلىپ، قويۇق سىچۈەنچە تەلەپپۇزدا ئۇيغۇرچە سۆزلەشتى، تېلېفوننىڭ ئاۋازى خېلى يۇقىرى بولۇپ، مەمەتجاننىڭ خۇاڭ يىڭجيېنى ئۆيىگە كېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغانلىقى ئاڭلاندى. خۇاڭ يىڭجيې بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، تېلېفون توختىماستىن كېلىۋەردى، ئۇ يان تېلېفونىنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىغا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىسمىنى كىرگۈزۈۋالغان بولۇپ، كەنتتىكىلەر ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغاندا، كىمدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. خۇاڭ يىڭجيېنىڭ سىچۈەن تەلەپپۇزى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇنىڭ سۆزىنى مەنمۇ خېلى تەستە چۈشەندىم، لېكىن، تۆۋەن خادىلىق كەنتىدىكىلەر خۇاڭ يىڭجيېنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلەيدىكەن. خۇاڭ يىڭجيې ماڭا مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ جايدا ياشاۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى، كەنتتىكىلەرنىڭ ئاۋازى ماڭا تونۇش، كەنت ئاھالىلىرىمۇ مېنىڭ ئاۋازىمغا كۆنۈپ كەتتى. 1990 – يىلى 17 ياشلىق خۇاڭ يىڭجيې ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەندىن كېيىن، تۇغقىنىغا ئەگىشىپ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يېزىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قاغىلىق، مەكىت قاتارلىق جايلارغا باردى، 1995 – يىلى ئۇ توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي خوتۇنىنى ئېلىپ قۇمقۇسار يېزىسىنىڭ تۆۋەن خادىلىق كەنتىگە كەلدى. ئۇ يىغقان پۇللىرىغا بۇ كەنتنىڭ 80 مو جامائەت جۇغلانما ئېتىزىنى ھۆددىگە ئالدى، كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، ئۇنىڭغا جىددىي پۇل لازىم بولدى. لېكىن، نوپۇسى بۇ جايدا بولمىغاچقا، بانكا قەرز بېرىشقا ئۇنۇمىدى، كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ بانكىدىن قەرز ئېلىپ بەردى. دەسلەپ كەلگەن ۋاقىتتا خۇاڭ يىڭجيې ئەر – خوتۇننىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىن بولۇپ، كەنتتىكى ئۇيغۇرلار دائىم ئۇلارغا گۈرۈچ، ئۇن، ماي ئەكىلىپ بېرەتتى. كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇلارغا بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەردى، شۇنداق قىلىپ، خۇاڭ يىڭجيې ئەر – خوتۇن ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن ھەم جاپاغا چىدايدىغان خۇاڭ يىڭجيې ئەر – خوتۇن كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، بىر قانچە يىلغا بارمايلا ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەدرىجىي ياخشىلىدى. ئۇ كەنتتىكى ئۇيغۇر يۇرتداشلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ ياردەم قولىنى سۇندى. خۇاڭ يىڭجيې مۇنداق دېدى: ئۇ چاغلاردا ئائىلىمىز تولىمۇ نامرات بولۇپ، ھېچ نەرسىمىز يوق ئىدى. كەنتتىكىلەر بىزگە كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىپ، ئولتۇرىدىغان ئۆي بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، يەنە دائىم يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى، مەن ھۆددىگە ئالغان يەرنىمۇ ئاۋۋال تېرىپ ئاندىن پۇلىنى بېرىمەن. كەنتتىكىلەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، مەن كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ باي بولدۇم، كەنتتىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ يەنىلا نامرات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلىدىم. خۇاڭ يىڭجيې باشقىلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىپ، يۇرتداشلارنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئايلاندى كەنتتىكى ئابدۇراخمان مامۇتنىڭ خوتۇنى ئاغرىپ قېلىپ، ئاق توخۇ دورا بولۇپ قالدى، خۇاڭ يىڭجيې دەرھال ئۆيىدىكى بىر ئاق توخۇنى ئابدۇراخمانغا ئاپىرىپ بەردى. كەنتتىكى ئابلا زايىت ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلى يېزا ئىگىلىك خام ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەندە، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي 15مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى. 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا يېزا ئىگىلىك خام ئەشيالىرى، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ، خۇاڭ يىڭجيې ئۆزىنىڭ قوش تىللىق ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، كەنتتە تەرجىمان ۋە تېخنىكا يېتەكچىسى بولدى. كەنتتىكىلەر ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ كەلسىلا، مەيلى كىم بولسۇن، ئۇ ھەممەيلەنگە سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى ھەم ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. بولۇپمۇ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېتىزدىلا بولدى. ئەينى يىلى تۆۋەن خادىلىق كەنتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى تولىمۇ ناچار بولۇپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى ئاساسەن يوق ئىدى، كەنت ئاھالىسى يەر تۈزلەشتىن ئۇرۇق سېلىشقىچە باشقا كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىغا تايىناتتى، بۇ كەنتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىگە تەسىر قىلىپلا قالماي، يەنە كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويغانىدى. خۇاڭ يىڭجيې بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئەسلىدە ئۆي سېلىشقا تەييارلاپ قويغان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى چىقارغاندىن سىرت، يەنە تۇغقانلىرىدىن ئازراق پۇل ئۆتنە ئېلىپ، ئىككى چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمىنىنى سېتىۋېلىپ، دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، دائىم ياخشى ئىش قىلىدىغان خۇاڭ يىڭجيېنىڭ كەنتتىكى ھۆرمىتى بارغانسېرى ئاشتى، كەنت ئاھالىسى قانداقلا ئىشى بولسا، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايدىغان بولدى، ئۇ بارا – بارا يۇرتداشلارنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئايلاندى. كەنتتىكىلەر خۇاڭ يىڭجيېنى پەن – تېخنىكا ئەترەت باشلىقى قىلىپ سايلىدى. 2008 – يىلى كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاشكارا سايلىشى بىلەن، خۇاڭ يىڭجيې كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىقىغا سايلاندى. تۆۋەن خادىلىق كەنتىدە 2013 – يىلى ئەتىيازدا تۇيۇقسىز قارا مۆلدۈر ياغدى. كەنتتىكى يېڭى تېرىغان كېۋەز، يېڭىدىن تىكىلگەن ياڭاق ۋە چىلان كۆچەتلىرى قاتارلىقلار بىر كېچىدىلا نابۇت بولدى. خۇاڭ يىڭجيې 90مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان كەنت ئاھالىسىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلچەمگە ئاساسەن ئېھتىياجلىق سولياۋ يوپۇق، ئوغۇت، ئۇرۇق قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ دېھقانچىلىق مەزگىلىنى كېچىكتۈرۈۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. خۇاڭ يىڭجيې كەنتتىكى بىردىنبىر ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار خەيرىگۈل ئۆمەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى. خەيرىگۈل بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرى ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئانىسى 70ياشقا كىرگەن، 18 ياشلىق ئوغلى تۇغما مېيىپ، قىزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيتتى، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىدى. خۇاڭ يىڭجيې پۇل چىقىرىپ ئادەم سېلىپ، ئۇنىڭ ھويلا تېمىنى سېلىپ بەردى؛ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، خەيرىگۈل ئائىلىسىدىكى تۆت كىشىگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىنى ھەل قىلىپ بەردى؛ ھەر يىلى ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بەردى ھەم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچ يىللىق بارلىق چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ۋەدە قىلدى. خۇاڭ يىڭجيېنىڭ ياردىمىدە، خەيرىگۈلنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى. خەيرىگۈل ئۇچرىغانلا كىشىگە: خۇاڭ شۇجى ياخشى! دېدى. ئۇ ئۈچ چوڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىسىنى بېيىش يولىغا باشلىدى خۇاڭ يىڭجيې يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە، كەنتتە مۇنداق ئۈچ چوڭ قىيىن مەسىلە مەۋجۇت ئىدى: بىرىنچىسى، كەنتنىڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ 5200 مو يېرىنى سۇغىرىش ئىنتايىن قىيىن ئىدى؛ ئىككىنچىسى، كەنتنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قىيىن ئىدى؛ ئۈچىنچىسى، كەنت يوللىرى ئوڭغۇل – دوڭغۇل بولۇپ، تۆت توننىلىق يۈك تىراكتورغا ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر توننا يۈك باسقىلى بولاتتى، يولنىڭ راۋان بولماسلىقى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. خۇاڭ يىڭجيې ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا، بۇ ئۈچ مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتىگە كەلدى. ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇ يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن كۈچەپ قوللىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن قولغا كەلتۈردى. 2009 – يىلىنىڭ بېشىدا، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كەينى – كەينىدىن 90 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ بەردى، ئۇ كەنتتە يەنە قىسمەن مەبلەغ توپلاپ، ئۆستەڭ ۋە توغان ئېغىزى ياساپ، يەر سۇغىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلدى. ئۇ يىل ئاخىرىدا ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ خىزمەت ئىشلەش، كەنت قۇرۇلتىيى ئېچىش ۋە بىر ئىشنى بىر كېڭىشىش ئارقىلىق، كەنتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە ماس كېلىدىغان ياڭاقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش يولىنى تاللىدى. دەسلەپكى باسقۇچتا سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆپ بولغاچقا، ئۇ يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپىنى دېھقانلارغا 400 مىڭ يۈەندىن كۆپ كېپىللىك قەرز پۇل بېرىشكە ماسلاشتۇردى ھەم ياڭاق كۆچىتىنى ئاۋۋال مەركەزلىك يېتىشتۈرۈپ، ئاندىن دېھقانلارنى كۆچەت بىلەن تەمىنلىدى. ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن كەنتنىڭ ياڭاق كۆلىمى 3800 مودىن ئېشىپ، 2013 – يىلى ياڭاقنىڭ مېۋە بېرىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، باغۋەنچىلىك بۇ كەنتنىڭ تايانچ كەسپىگە ئايلاندى. ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسى 2011 – يىلى بۇ كەنتنىڭ يولىنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ، يول ئۇلىنىڭ ناھايىتى بوش بولۇپ، ئاسفالتلاشتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتتى. كەنت يولىنىڭ ئۇلى بوش بولسا بىز چىڭىتايلى! خۇاڭ يىڭجيېنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن كەنتتىكى ئاھالە مەبلەغ توپلاپ، يول ئۇلىنى چىڭىتىشقا باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن 5000 يۈەن پۇل چىقاردى، باشقا كەنت ئاھالىسى كۆپ چىقارغانلىرى 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە، ئاز چىقارغانلىرى 30 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە پۇل چىقىرىپ، ناھايىتى تېزلا 50 مىڭ يۈەن يىغىلدى، بىر قېزىش ماشىنىسى ئىشقا سېلىنىپ، كەنتتىكى 80 تەمبەل ئەمگەكچى ئۇدا بەش كۈن قاتتىق ئىشلەپ، ئاخىر ئىككى كىلومېتىر يول ئۇلى چىڭىتىلىپ لاياقەتلىك قىلىندى. كەنتنىڭ ئاسفالت يولىدا 2012 – يىلى 6 – ئايدا قاتناش باشلىنىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. خۇاڭ يىڭجيې تۆۋەن خادىلىق كەنتىگە كەلگەن 20 يىل تۆۋەن خادىلىق كەنتى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان 20 يىل بولدى. بۇ كەنتتىكىلەر خۇاڭ يىڭجيېنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پاختا، ياڭاق، ئۆزگىچە باقمىچىلىق ۋە ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بېيىش يولىدا مېڭىپ، بۇرۇنقى نامرات ھەم قالاق بۇ كەنتتە مۆجىزە ياراتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر