باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسى سۇرىيەدىكى قوراللق كۈچلەرگە ھاۋادىن قورال-ياراق تاشلىدى

2015.10.14 16:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى 12-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا 11-ئۆكتەبىر سۇرىيەنىڭ شىمالىدا ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە قاتنىشىۋاتقان سۇرىيە قوراللىق خادىملىرىغا ھاۋادىن بىر تۈركۈم قوراللارنى تاشلىدى. بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆتكەن ھەپتە سۇرىيەدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشىگەندىن كىيىن تۇنجى قېتىم شۇ يەردىكى قوراللىق كۈچلەرنى قوللاش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ قايسى يەردىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھاۋادىن تاشلىغان يېنىك تىپتىكى قورال ياراق ئوق دورىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ قورال ياراقلار يەرگە چۈشكەندىن كېيىن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ قورال ياراقلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان قوراللىق تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىنى تەكشۈرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر