باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2016-يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا باشلىنىدۇ

2015.10.14 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بۈگۈن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2016-يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا باشلىنىدىكەن، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يازمىچە ئىمتىھان ئېلىش ۋاقتىمۇ بەلگىلىنىپ بولغان. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار 2015-يىلى 14-ئۆكتەبىردىن كېيىن مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2016-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتى (http://bm.scs.gov.cn/2016)، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى (http://www.mohrss.gov.cn)، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى (http://www.scs.gov.cn) گە كىرىپ، ئادەم قوبۇل قىلىدىغان تارماق، ئادەم قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنىنىڭ ئۇچۇرى، ئادەم قوبۇل قىلىش سىياسىتى، ئىمتىھان ئۇقتۇرۇشى ۋە سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، بۇ قېتىم مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار شۇنداقلا مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان 120دىن ئارتۇق ئورۇن ئادەم قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىپ، پىلان بويىچە 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىشتا ئاساسلىقى توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، 2015-يىلى 15-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يازمىچە ئىمتىھانىنى 2015-يىلى 29-نويابىر مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مەركىزى شەھەرلەر، ئاپتونوم رايوندىكى مەركىزىي شەھەر، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە نىسبەتەن چوڭ شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىش بېكىتىلگەن.

  ئىگىلىنىشچە، مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ 2016-يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى مۇنداق تۆت ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن:بىرىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرىشىغا ئېتىبار بېرىش. ئىككىنچى، جاپالىق، چەت جايلارنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش شەرتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش. ئۈچىنچى، دەرىجە، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىش. تۆتىنچى، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى .ئاشۇرۇش.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر