باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق كۆلىمىنىڭ 10 مىليون ئۇرچۇقتىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى

2015.10.14 16:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى مۇھاكىمە يىغىنى ۋە 2015 - يىللىق ئاكادېمىكلار بۆلۈمى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق كۆلىمىنىڭ 10 مىليون ئۇرچۇقتىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى پاختا توقۇمىچىلىقى ۋە خىمىيىلىك تالانى يېتەكچى قىلغان يۇڭ توقۇمىچىلىقى، چىگە توقۇمىچىلىقى، ئىلمە توقۇمىچىلىقى، كىيىم - كېچەك، توقۇمىچىلىق مائارىپى، پەن تەتقىقات، لايىھەلەش، سۈپەت تەكشۈرۈش، ماركىتېڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قەدەر مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېتەكچى كەسىپ ۋە خەلق تۇرمۇشى كەسپىگە ئايلاندى. ھازىر ئۈرۈمچى - سانجى، شىخەنزە - كۈيتۈڭ، كورلا - لوپنۇر، ئاقسۇ - ئارال، قەشقەردىن ئىبارەت بەش چوڭ كەسىپ توپلاشقان رايون شەكىللىنىپ، كەسىپلەرنى تۈركۈملەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، خام ماتېرىيالى مول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بايلىقى يېتەرلىك ھەم باھاسى ئەرزان، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، يەر بايلىقى مول، ئەمگەك كۈچى كۆپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن يېتەرسىزلىك ۋە چەكلىمىلەرمۇ مەۋجۇت. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول » تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ئورنى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىلدە، قايسى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ يىغىنغا قاتناشقان ئېلىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى ئاكادېمىك ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئائىت نۇرغۇن مۇۋاپىق تەكلىپ بەردى. مۇھاكىمە نەتىجىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر