باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى ئېلان قىلدى

2015.10.14 16:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە «پىكىر» دەپ ئېلىندى) نى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ئىلھام ۋە مەدەت بەردى.

  «پىكىر» سەككىز قىسىم، 30 كونكرېت مەزمۇنغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىپ ۋە چەكلەپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەپ قوزغاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە كارخانىلارنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىپ، بازار ئىجازىتىدىكى سەلبىي تىزىملىك تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبېيكتىغا تېخىمۇ زور بولغان ئىگىلىك باشقۇرۇشتا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىق (PPP) ئەندىزىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كاپىتالنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە ئېنېرگىيە، قاتناش - تىرانسپورت، بايلىق، مۇھىت، سۇچىلىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، پەن - تېخنىكا، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە تىجارەتكە باراۋەر قاتنىشىپ، مائارىپ، داۋالاش، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرگە پائال قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى مەبلەغ چىقىرىپ پاي قوشۇش، پاي ھوقۇقى سېتىۋېلىش، ئايلانما قەرز ئېلىش، پاي ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن قوللاپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەشكىللىنىشى ياكى دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا پائال قاتنىشىشى كېرەك. نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تۆمۈر يول، بايلىق ئېچىش، جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كاپىتالغا قارىتىلغان سۈپەتلىك ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىنى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، تەرەققىيات ئىستىقبالى زور ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلاردا ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلەش رايونى، پەن - تېخنىكا كارخانىلىرى تەرەققىيات بازىسى ۋە ھەممەيلەن ئىگىلىك تىكلەيدىغان بوشلۇق قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەمۇرىي تەستىق ئىسلاھاتى داۋاملىق كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ھوقۇق تۆۋەنگە چۈشۈرۈلىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ يىپەك يولى ئىقتساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى پائال قوللاپ، بەلباغ بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلار، يېزا ئىگىلىك، سودا، پەن - تېخنىكا، ساياھەت، بازا قۇرۇلۇشىدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، چېگرا سىرتى سودا سېلىنمىسى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە خەلقئارا ماركىتېڭ تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازارنى ئېچىش، چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

  «پىكىر»گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون يەنە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى ئەۋزەل بايلىقلارنى ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر، يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپلىرى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مەبلەغ سالىدۇ ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدۇ. 2020 - يىلىغا بارغاندا دۆلەت ئىچى - سىرتىدا رىقابەت كۈچىگە ئىگە چوڭ تىپتىكى كارخانىدىن ئوننى، كۇرسلىق مەھسۇلاتلىق كارخانىدىن 100نى، ئۆسۈپ يېتىلىش تىپىدىكى كارخانىدىن 2000نى يېتىشتۈرىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش، خاس يېنىك سانائەت، ئىچكى سودا ئوبوروت مۇلازىمەت كەسپى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپىي تەربىيەلەش، پەن - تېخنىكا مەخسۇس مەبلىغى، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش مەبلىغى قاتارلىق مەخسۇس مەبلەغ، شۇنداقلا كارخانا تەرەققىياتىنى قوللايدىغان باشقا مەخسۇس مەبلەغنى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك. «بەھرلىنىشكە تېگىشلىكلىرىدىن بەھرلىنىش» پىرىنسىپى بويىچە، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەم باج كەچۈرۈم قىلىش رەسمىيىتى ۋە تەرتىپىنى يەنىمۇ ئىخچاملاش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد تەرەققىياتىنى قوللاشنى چۆرىدەپ، كارخانا سۇبيېكتى، بانكا قەرزى، كىرېدىت سۇغۇرتىسى ۋە قەرز كاپالەت سۇغۇرتىسى، ھۆكۈمەت مۇكاپاتلاش قاتارلىق كۆپ تەرەپ قاتناشقان، خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىرېدىت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بانكا ساھەسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار مەخسۇس تىجارەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جايلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى ناھىيە، شەھەر، يېزا، بازار قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئاجىز رايونلاردا ئاپپارات تور نۇقتىسى تەسىس قىلىشى ۋە كەسىپلەرنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  «پىكىر»دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش، مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ئۈچ دەرىجىلىك ئالاقىسى راۋان بولغان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى مونوپۇللۇق تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش، ساھە ئۇيۇشمىلىرىنىڭ كارخانىلارغا ئالاقىدار ھەق ئېلىشى قاتارلىقلارنى تەلتۆكۈس تازىلاش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر