باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى-كورلا شەھەر ئارا پويىز 20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ قاتنايدۇ

2015.10.14 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كەڭ يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، تۆمۈر يول تارماقلىرى 2015-يىلى 20-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىن كورلىغىچە بىۋاستە قاتنايدىغان ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزىنى يولغا سالىدۇ، پويىز«جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى−ئاق قۇ نومۇرلۇق تېز پويىز»دەپ ئاتالغان بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى رايونىمىز ئىچىدە قاتنايدىغان «Z»ھەرىپى بىلەن باشلانغان يولۇچىلار پويىزى ، پۈتۈن مۇساپىدە ئەڭ تېز بولغاندا پەقەت 4سائەت 30مىنۇت كېتىدۇ.

  «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى−ئاق قۇ نومۇرلۇق تېز پويىز»نىڭ پويىز بېلىتىنى 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ سېتىش نۇقتىلىرىدا، ئېنتىرنېت تورى، تېلېفونلۇق بېلەت زاكاز قىلىش، ھەر قايسى پويىز ئىستانسىسى ۋە پويىز بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى بېلەت سېتىش كۆزنىكى، ئاپتوماتىك بېلەت ساتقۇ قاتارلىقلاردىن تاللاپ سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى پويىز بېلىتىنىڭ ئالدىن سېتىلىش مۇددىتى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باشقا پويىز بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدىن كورلىغا بارىدىغان قاتتىق ئورۇندۇق بېلەت باھاسى69 يۈەن، يۇمشاق ئورۇندۇق بېلەت باھاسى 107 يۈەن، قاتتىق كارۋاتنىڭ ئاستىنقى كارىۋات بېلەت باھاسى 130 يۈەن، يۇمشاق كارىۋاتنىڭ ئاستىنقى كارىۋات بېلەت باھاسى 194 يۈەن بۇلۇپ، بىلەت باھاسى جەھەتتە باشقا قاتناش ۋاستىلىغا قارىغاندا روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر