باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى : ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى يەنىلا ئاممىنىڭ پاش قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب

2015.10.13 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ 12-ئۆكتەبىر مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى<12369> مۇھىت ئاسراش بويىچە پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسى ئامما پاش قىلغان 696 مەسىلىنى بىرياقلىق قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغان پاش قىلىش 540، بۇ قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي ساننىڭ 77.6% ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭدىن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ يەنىلا پاش قىلىشتىكى مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكى ئايان بولغان.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قوبۇل قىلىنغان ئاممىنىڭ پاش قىلىش مەسىلىلىرى ئىچىدە، سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغان مەسىلە 226، شاۋقۇندىن بۇلغىنىشقا دائىرلىرى 165، قاتتىق تاشلاندۇقلارغا چېتىلدىغانلىرى 48، تۈرلەر تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا چېتىلىدىغانلىرى 10، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولدى، مەسىلىنى سۈرۈك بويىچە ئاياغلاشتۇرۇش نىسبىتى % 100 كە يەتتى.

  جايلاردىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، پاش قىلىنغان مەسىلە ئىچىدە مۇھىت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان دېلوغا چېتىشلىقى 497، بۇ پاش قىلىش ئومۇمىي سانىنىڭ 71.4% ىنى ئىگىلىگەن، ئامما پاش قىلغان 199 مەسىلە بايقالمىغان، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ % 26.8 ىنى ئىگىلىگەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر