باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مادو ناھىيەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىدى، ھازىرچە يارىلىنىش ئەھۋالى بايقالمىدى

2015.10.13 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دۆلەتلىك يەرتەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئۆكتەبىر كەچ سائەت 6دىن 4مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭخەي ئۆلكىسى گولو زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مادو ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 34 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق98.2 گىرادۇس) دە 5.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 9 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تەۋرەش مەنبەسى مادو ناھىيەسىنىڭ خۇاڭخې يېزىسىدىكى ئادەمسىز رايوندا بولۇپ، خۇاڭخې يېزىسىدىن باشقا، مادو ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق ماچالى بازىرىدا ئازراق تەۋرىنىش بولغان، قالغان جايلار تەۋرىنىشنى سەزمىگەن. ھازىرچە يارىلىنىش ئەھۋالى بايقالمىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر