باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: « 12- بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنىڭ %8كە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى

2015.10.14 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ 13-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،«12- بەش يىل » مەزگىلىدە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىنىڭ %8كە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى %2.5تىن يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە قاتارىدىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، «12- بەش يىل » مەزگىلىدىكى بەش يىلدا، دۇنيا، دۆلەت ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە قەدەم قويغان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، پائال ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىسلاھاتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە ياردەمچى كۈچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يوشۇرۇن كۈچ ئاتا قىلىپ ئىقتىسادنىڭ نورمال ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  2011-يىلدىن 2014-يىلغىچە ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %8كە يېتىپ، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشكە ئۆزگەردى. 2014-يىلى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 63 تىرىليون 613 مىليارد 900 مىليون يۈەن، 10 تىرىليون 400 مىليارد دوللارغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرۇپ، دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %13.3كە يېتىپ، 2010-يىلدىكىدىن 4.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

  مەنبە : خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر