باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى پۇرسەت، يېڭى نەتىجە، يېڭى بۆسۈش، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ

−− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2015.10.13 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك يېڭى، مۇھىم تارىخىي تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

  2009 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 105 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 264 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %24.6تىن ئېشىپ %28.6گە، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %26.9تىن ئېشىپ %41.7كە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى. بىر نەچچە يىلدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پۇقراۋى كارخانىلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ، سانى ۋە كۆلىمى تېز زورىيىپ، قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچلۈك قوشۇنغا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»كە ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، كىرىمنى كۆپەيتىش، دېھقانلارنى بېيىتىش جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشى تېز بولدى

  28 - ئاۋغۇست قىرغىزىستاننىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى. شۇ كۈنى قىرغىزىستاننى جەنۇبتىن شىمالغا كېسىپ ئۆتىدىغان داتوكا - كېمىن 500 كىلوۋولتلىق تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشى جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىسى −− ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى تەرىپىدىن ئۈچ يىلدا، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.

  دۇنيا ئېنېرگىيە ئىشلىرىنى سىسىتېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان مۇلازىمەت كارخانىسى− ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى ھازىر ئېنېرگىيەنى ئاساس قىلغان، توك يوللاش، بېسىم ئۆزگەرتىش بويىچە يۇقىرى نۇقتىدىن ياساش، ئېلېكتىر كۈچى سىستېمىسىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش لايىھەسى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش چوڭ كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يىل ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى دۇنيا مېخانىكا ساھەسىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 224 - ئورۇنغا ئۆتتى، گۇرۇھنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە 287 - ئورۇندا تۇردى.ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى تاقىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان كىچىك زاۋۇتتىن جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھە ياسىمىچىلىقى كارخانىسى، دۇنيا تىرانسفورموتور ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى تايانچ كارخانىغا ئايلانغىچە، نۇرغۇن ئەگرى - توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى، بۇ جەرياندا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى.

  دۇنيا ئىقتىسادى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقى يەنىمۇ قوزغىتىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك مۇقىم، تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئىقتىساد چېكىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى، تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  ئومۇمىي مىقدارى ۋە ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تېز سۈرئەتتە زورايدى، 2009 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %16.4 ئېشىپ، بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 6.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ۋە نىسبىتىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئېشىپ، 2009 - يىلىدىكى 76مىليارد 53مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2014 - يىلى 406 مىليارد 693 مىليون يۈەنگە يەتتى، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %39.8 بولدى، ئېشىش سۈرئىتى ئاپتونوم رايون بويىچە يىللىق مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىدىن 11.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

   كارخانا سانى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەككە سودا - سانائەتچىلەر 2009 - يىلىدىكى 516 مىڭدىن ئېشىپ 2014 - يىلى 719 مىڭغا كۆپەيدى، خۇسۇسىي كارخانىلار 94 مىڭدىن كۆپىيىپ 159 مىڭغا يەتتى، تىزىملاتقان مەبلىغى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانا 1099غا يېتىپ، كۆلەملەشكەن خۇسۇسىي كارخانا گۇرۇھى 86گە يەتتى.

  چەت ئەللەردە بازار ئېچىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار «چىقىرىش»تىكى باشلامچى ۋە جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار شىنجاڭدىكى ئېكىسپورت، ئىمپورت كارخانىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %94.9ىنى ئىگىلىدى، ئېكسپورت، ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم %69.2تىن %79.3كە يەتتى.

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى

  شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۈلۈكچىلىك قۇرۇلمىسىدا، دۆلەت ئىلكىدە بولۇش مۇتلەق ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىقى ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى چەكلەۋاتقان مۇھىم مەسىلە ئىدى. يېتەرسىزلىكلەرنى تېزدىن تۈگەتكەندىلا، ئاندىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى توختاۋسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، شۇجى جاڭ چۈنشيەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، يەنىمۇ جانلاندۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىككە يېڭى تەرەققىيات ۋەزىيىتى يارىتىپ بەردى.

  ئارقىدىن، شىنجاڭنى «تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدىغان ئىش تۈرلىرى ئەڭ ئاز، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى، مۇلازىمىتى ئەڭ ئەلا» ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ يەنىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى مۇھىت يارىتىپ بەردى؛ ئەۋزەل بايلىقلارنى ئېچىش، پايدىلىنىشقا قاتنىشىش، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىق مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ بەردى.

  ھەرىكەتنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ھەممىدىن كۈچلۈكجاڭ چۈنشيەن شۇجى ھەر قېتىم ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، پۇقراۋى كارخانىلارغا بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى شەخسەن ئۆزى سۈرۈشتۈردى، شىنجاڭ گۇاڭخۈي نېفىت چەكلىك شىركىتىنىڭ خام نېفىت ئىمپورت قىلىش سالاھىيەت ھوقۇقى ۋە نورما ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛

  «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىكرىنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى»، «شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېمەك - ئىچمەك كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەر» قاتارلىق تەرەققىياتتىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلايدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنى تېز تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛

  ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى ئۇدا ئەمەلدىن قالدۇردى، ت−ەڭشىدى، قىسقارتىش نىسبىتى %40كە يەتتى؛

  شىركەت كاپىتالىنى تىزىملىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى؛

  تۆۋەن توك باھا تۈزۈمىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر»نى قوللاپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرىنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى تۈزدى.

  بۇنداق ھەقىقەتنى كۆزلەيدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەر ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2010 - يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇقراۋى سانائەتنىڭ تەرەققىياتى، كىيىم - كېچەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئالاھىدە يېمەك - ئىچمەك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئالاھىدە يېنىك سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر ئۈچۈن مالىيەدىن 3 مىلياردىن يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاجراتقان مەخسۇس مەبلەغ 15 مىليون يۈەندىن 176 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىلدى.

  ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئادا قىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىناقلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى

  ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش بىلەن بىللە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، قوبۇل قىلغان، تەشكىللىگەن ئادەم 2009 - يىلىدىكى 1 مىليون 429 مىڭ 900 كىشىدىن كۆپىيىپ، 2014 - يىلى 2 مىليون 248 مىڭ 100 كىشىگە، يىللىق ئېشىشى 200 مىڭغا يەتتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جەمئىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى%78.6تىن %81.2كە يەتتى.ئومۇمىي مۈلۈكچىكىتىن باشقا ئىگىلىكتىكى كارخانىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاكتىپ ھەسسە قوشتى:−− شەرەپلىك تۈردىن 494نى يولغا قويۇپ، 20 مىليارد يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈردى؛−− 2014 - يىلى «100 كارخانا 100 كەنتكە ياردەم بېرىش. قول تۇتۇشۇپ ئورتاق راۋاجلىنىش» شەرەپلىك ئىشلار خوتەن سەپىرىنى قانات يايدۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانا خوتەندىكى 100دىن كۆپرەك مەمۇرىي كەنت بىلەن ياردەم بېرىش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى؛−− گۇما ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جايلاردىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زاتلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، گۇما خەلقىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا پۇل ۋە ماددىي كۈچ جەھەتتىن ياردەم بەردى، ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۇلار ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇمنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 3 مىليون 750 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى؛−− مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» قاتارلىق چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە، سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زاتلار كەسكىن پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى.

  شۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇكى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى ئىگىلىك سىجىل، مۇقىم، تېز راۋاجلاندى، ئەمما پۇقراۋى ئىگىلىك يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىدىكى ئانچە مۇكەممەللەشمىگەن ئىگىلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆلىمى كىچىك بولۇش، مەبلىغى ئاز بولۇش، كۈچى ئاجىز بولۇش، تارقاق بولۇشتەك ھالىتىدە تېخى تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىدى.

  شىنجاڭ مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرىدىغان سىياسەت، نىزاملارنى تولۇقلاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تېخىمۇ دادىل، تېخىمۇ خاتىرجەم راۋاجلاندۇرۇشنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىنىڭ بىرى قىلدى، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغايدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادى سىجىل راۋاجلىنىپ، سېلىنما، سودا مۇقىم ئېشىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتى چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

  يىرىك پىلانغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات نىشانى −− 2020 - يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىز GDP سىنىڭ تۆھپىسى %50تىن كۆپرەككە ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن كۆپرەككە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلار جەلب قىلغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان خادىملارنىڭ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملار ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك بازار سۇبيېكتلىرى 1 مىليون 500 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان زاتلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتقا ئىشەنچىسى تولۇق. گۇاڭخۈي گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى سۈن گۇاڭشىن مۇنداق دېدى: ھازىر ماكرولۇق ئىقتىساد سىجىل تۆۋەنلەۋاتقان، پۇقراۋى كارخانىلار ئالاھىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇپ گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچىمىز كامىل، بۇنىڭغا ئەقىل - پاراسىتىمىز، ئىقتىدارىمىز يېتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر