باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

200 مىڭ يۈەن ساختا پۇلنى ئېلىپ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوسقا ئولتۇرغان ئايال قولغا چۈشتى

2015.10.13 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئۆكتەبىر سائەت 0:00دە، غۇلجا شەھەرلىك ساقچى تەرەپ ساختا پۇل يۆتكەش دىلوسىنى پاش قىلدى، بىر نەپەر جىنايەت گۇماندارى ۋە 200 مىڭ يۈەن ساختا پۇلنى قولغا چۈشۈردى.

  11-ئۆكتەبىر كەچتە، غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رازۋېدكا بۆلۈمىدىكى ساقچىلار خېنەن شەھىرى خۇيياڭ ناھىيەسىدىن غۇلجىغا قاراپ يولغا چىققان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبوستا ئولتۇرغان بىرەيلەننىڭ زور مىقداردا ساختا پۇل ئېلىپ ماڭغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ساقچى تەرەپ دەرھال توسۇپ تۇتۇشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرغان.

  12-ئۆكتەبىر سائەت 0:00دە، غۇلجا ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى كەڭساي جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ تەكشۈرۈش بېكىتىدە بىر ئاپتوبوسنى توختاتقان، خەلق ساقچىلىرى ئاپتوبوستا قىزىل رەڭلىك سەپەر سومكىسى كۆتۈرۈۋالغان با xxنىڭ سومكىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانلىقىنى، خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن، خەلق ساقچىلىرى تىزلىكتە كويزىنى ئۇنىڭ قولىغا سالغان ۋە ئۇنىڭ سومكىسىدىن باش ھەرپ نومۇرى B27Y900565 بولغان 100 يۈەنلىك 200 مىڭ يۈەن پۇلنى قولغا چۈشۈرگەن شۇنداقلا يەنە قولغا چۈشۈرگەن باشقا 400 يۈەن پۇلنىڭ 200 يۈەنى ساختا چىققان.ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق،با xxنىڭ قورغاس ناھىيەلىك چىڭشۇيخې بازىرىدا تۇرىدىغانلىقىنى، يولدىشىنىڭ ئۈچ قېتىم ساختا پۇل ئىشلىتىپ مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان.نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى با xx ساختا پۇل يۆتكەش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر