باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ئىلى سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى

2015.10.13 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى ئىلى سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسى 12- ئۆكتەبىر رەسمىي قۇرۇلدى،بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ۋىلايەت دەرىجىلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى.

  ئۈرۈمچى ئىلى سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يوڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىلى تەۋەلىكىدىكى كارخانىچىلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى بولۇپ، ئۆز ئىختىيارىلىقى بىلەن قاتنىشىش پرىنسىپى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنغان ئەزا 200 گە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئاساسلىقى ئىجتىمائىي بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، ئىلى تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تىجارەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىش، ئۈرۈمچىدىكى ئىلى تەۋەلىكىدىكى كارخانا، شەخسىي، سودا ئۆمىكى ۋە ئىلىدىكى كارخانا، سودا ئۆمەكلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، ئەزالارغا، كارخانىلارغا، يۇرتقا، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كوللېكتىپنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلى تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىلى تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىپ، ئىلىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر