خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شۇ يەر ۋاقتى 12-ئۆكتەبىر، شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دائىمىي باش كاتىپى Goeran K Hansson ئانگرۇ دەيتوننىڭ 2015 - يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. نوبېل مۇكاپاتى تور بېكىتىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 12-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە، ستوكھولمدىكى شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 2015 - يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى