باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇقىم بۇلغاش مەنبەسىنىڭ مۇھىت بۇلغىغان قانۇنسىز قىلمىشلىرىگە بېرىلگەن جازا جەرىمانىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2015.10.13 11:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۇرۈپ، مۇھىت ئاسراشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەھەر بويىچە مۇقىم بۇلغاش مەنبەسىگە بەرگەن مۇھىت مەمۇرىي جازا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر قاتلانغان. ستاتسىتىكىغا قارىغاندا، سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بېيجىڭ شەھىرىدە مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى مۇقىم بولغاش مەنبەسىگە مۇھىت مەمۇرىي جازاسىدىن 2492 دېلو تۇرغۇزغان، جازا سوممىسى 117 مىليون 58 مىڭ 700 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 29.1 ۋە % 100.8 ئاشقان. شەھەر بويىچە يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىدىكى يېڭى قانۇن ئىجرا قىلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ دېلودىن 176ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر