باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسنىڭ 100 كۈنلۈك تەتۈر سانىقى باشلاندى

ئاپتونوم رايونىمىز قەسەم بېرىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى، تەييارلىق خىزمىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى

2015.10.13 15:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەنھەرىكەتچىلەر سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ماھارەت كۆرسەتمەكتە

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈشىگە يەنە 100 كۈن قالدى. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 100 كۈنلۈك تەتۈر سانىقىنى باشلاش قەسەم بېرىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 12 - ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ مۈز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە ئېچىلدى. بۇ، تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزگەندە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىپ ۋە نامايان قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغىلى، شىنجاڭنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگىلى، شۇنداقلا 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە رەڭدار تۈس قوشقىلى بولىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھازىر 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە 100 كۈن قالدى، ۋاقىت ئىنتايىن قىس. ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەشكىلىي ھەيئەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىشلىشى كېرەك. مۇسابىقىدىن ئىبارەت بۇ يادرونى زىچ چۆرىدەپ، مەيدان، زاللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىدارە باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى گاۋ جىدەن يىغىنغا قاتناشتى.

  سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان، زاللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىلھام سابىر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن كېرەمگە مەيدان، زاللارنىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

  13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2016 - يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ تۈنجى قېتىم چوڭ تىپتىكى مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەم قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈنجى قېتىم غەربىي شىمال رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. 54 ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۆلىمى ۋە ئادەم سانى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر