باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كورلا شەھىرى باشقۇرۇش، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆچمە نوپۇسلارنى ئۆز ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى

2015.10.13 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورلا شەھىرى كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇشتا، كۆچمە نوپۇسلارنى شۇ يەرنىڭ سىياسىتى ۋە مۇلازىمىتىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ شەھەرگە بولغان تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۆچمە نوپۇسلارنى كورلا شەھىرىدە ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى.

  بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن مەلىكەم تۇراق خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بارۇن خارمۇدۇن بازىرىدىن بولۇپ، 2014 - يىلى ئىككى بالىسىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسى چىلانباغ مەھەللىسىدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن.

  مەلىكەم بۇ يەرگە كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە، خىزمىتى بولمىغاچقا، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشتىن ناھايىتى ئەنسىرىگەنىدى، مەھەللە كادىرلىرى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بىر كىچىك تاللا بازىرىنى ئۇنىڭغا ھۆددىگە ئېلىپ بەردى، ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بالىلىرىنى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە تىزىملاتقۇزدى.

  مەلىكەم مۇنداق دېدى: مەھەللە ۋە يېزىدىكى خىزمەتچىلەر دائىم مېنى يوقلاپ، قىيىنچىلىقىم بار - يوقلۇقىنى سوراپ تۇرىدۇ. يېقىندا مەھەللىدىكىلەر ماڭا ياردەملىشىپ، تاللا بازىرىنى مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش تاللا بازىرىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇپ بەردى، شۇنداق بولغاندا، يەنە بەزى ئېتىبار سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولالايمەن.

   يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ چىلانباغ مەھەللىسى كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان يېرىغا جايلاشقان بولۇپ، سىرتتىن كەلگەن كۆچمە نوپۇسلار كۆپ كېلىدىغان يەر ئىدى. يېڭىشەھەر يېزىسى كۆچمە نوپۇسلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، 5 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، مەھەللىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، 120 كىشىلىك بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى تەشكىللەپ، «سۇ، توك، گازدىن ئاگاھلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ بىرلەشكەن باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئولتۇراقلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى كۆچمە نوپۇسلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، بۇ رايونلاردا مەھەللىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ماددىي كۈچ ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى، يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، كۆچمە نوپۇسلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلغان مۇلازىمەتنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

  كورلا شەھىرىنىڭ سايباغ كوچا باشقارمىسى «كۆچمە نوپۇسلار ئائىلىسى» قۇرۇپ، كۆچمە نوپۇسلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ھەر ۋاقىت ياردەم بەردى. كوچا باشقارمىسى كۆچمە نوپۇسلارغا ئوت ئۆچۈرۈش بىلىملىرىدىن قەرەلسىز لېكسىيە سۆزلەش، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. كوچا باشقارمىسى يەنە ساقچى قاراۋۇلخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرىپ، كۆچمە نوپۇسلارنىڭ ئىش بېجىرىشىنى قۇلايلاشتۇردى. سايباغ كوچا باشقارمىسىغا قاراشلىق لىشياڭيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاڭ ليەنخۇا مەھەللىنىڭ ياردىمىدە شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىردى، بالىسىنى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرگۈزدى. جاڭ ليەنخۇا مۇنداق دېدى: بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كورلا شەھىرىگە بولغان مېھىر - مۇھەببىتى بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، بۇ يەردە بارا - بارا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ يەردە ئۇزاققىچە تۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

  بۇ يىل كورلا شەھىرىدە تىزىمغا ئالدۇرغان كۆچمە نوپۇسلار 210 مىڭ كىشىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن 110 مىڭ نوپۇس كۆپەيگەن. كورلا شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ كۆچمە نوپۇسلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە، كۆچمە نوپۇسلارغا سىرتتىن كەلگەنلەرنى بايقاپ ئۈچ سائەت ئىچىدە دوكلات قىلىش، ئالتە سائەت ئىچىدە تىزىملاش، توققۇز سائەت ئىچىدە تەكشۈرۈپ بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت «369 مۆھلەتلىك خىزمەت ئۇسۇلى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسئۇلىيەتنى مىقدارلاشتۇرۇش مېخانىزمى، ھەرىكەتچان تەكشۈرۈش مېخانىزمى، مۇكاپاتلاش - جازالاش مېخانىزمى قاتارلىق سەككىز خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر