خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:12 - ئۆكتەبىر كەچتە، « جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پارىژدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە داغدۇغىلىقباشلاندى. پارىژ جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى يىن فۇ، جۇڭگونىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ سەنزەنى ما يەنشېڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ رۈيجۈن ، فرانسىيەلىك داڭلىق خەنزۇشۇناس ۋاڭ دېمەي (Léon Vandermeersch)، فرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق تىياتىر باش نازارەتچىسى يۈ ئېرسى، فرانسىيە سەنئەت ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى ژان فرانسوۋا گولد لىئون قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
«جەلبكار شىنجاڭ» مەخسۇس ئېلان فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، شۈ رۈيجۈن كۆپچىلىككە شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلىشىپ كەتكەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە « ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى»، «مېۋە ماكانى»نى تونۇشتۇردى. جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى 18-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە پارىژ جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى