باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋىئاتسىيەگە ھەق تۆلەپ ئورۇن تاللاش مۇلازىمىتى شىنجاڭغا كىردى

2015.10.13 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاراتقۇلار دۆلەت ئىچىدىكى لىنىيەلەردە ياكى ھەممە لىنيەلەردە پۇل تۆلەپ ئورۇن تاللاش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنداقتا شىنجاڭغا قاتنايدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىدە «پۇت سۇنۇۋىلىش ھەققى»دىن ئىبارەت بۇ تۈرلۈك ئورۇن تاللاش مۇلازىمىتى بارمۇ يوق؟

  12-چېسلا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭدىكى كۆپ ئاۋىئاتسىيە كارخانىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە خەينەن ئاۋىئاتسىيەسى، غەربىي رايون ئاۋىئاتسىيەسى، چۇنچيۇ ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىقلاردا پۇل تۆلەپ ئورۇن تاللاش مۇلازىمىتى ئېچىلغان بولۇپ، جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى تارماق شىركىتى، ئۈرۈمچى ئاۋىئاتسىيەسى، دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسى، شيامېن ئاۋىئاتسىيەسى، سىچۇەن ئاۋىئاتسىيەسى، شەرق ئاۋىئاتسىيەسى، ئاۋكەي ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق ئاۋىئاتسىيەلەرنىڭ شىنجاڭغا قارىتا بۇ تۈرلۈك مۇلازىمىتى ئېچىلمىغان.

  جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىل 3-ئايدا ئۈرۈمچىدىن ئۇچىدىغان 20 ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىدە پۇل تۆلەپ ئالدىن ئورۇن تاللاش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا ئايرىم ـ ئايرىم 100 يۈەن، 80 يۈەن، 50 يۈەن قوشسىلا تاللىيالايدۇ.

  غەرب ئاۋىئاتسىيەسىدە ئالدىن 36 سائەت ئوزۇن تاللاش لازىم، ئالدىنقى ئۈچ رەتتىن 60 يۈەن، كېيىنكى ئۈچ رەتتىن 30 يۈەن تاللاش ھەققى ئىلىنىدۇ. چۇنچيۇ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە، ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە بارىدىغان ئىككى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى بار بولۇپ، ئورۇن تاللاش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان، بىرىنچى رەت، ئىككىنچى رەت ۋە جىددىي چىقىش ئېغىزىدىكى ئورۇنلارنى تاللىسا يەنە 50 يۈەن قوشۇشى كېرەك.(ھەبىبە تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر