ئېرۇسالىمدا 12- ئۆكتەبىر، ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك خادىمى ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئاممىۋى ئاپتوبۇستىكى پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى نەق مەيداندىكى خىزمىتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئۆكتەبىر كەچتە، ئېرۇسالىمدىكى بىر ئاپتوبۇستا، بىر پەلەستىنلىك بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ مىلتىقىنى ئوغۇرلىماقچى بولغان ھەمدە بۇ ئەسكەرگە پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغان،كەينىدىن بۇ پەلەستىنلىك ھۇجۇم قىلغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، 12- ئۆكتەبىر ئېرۇسالىمدا جەمئىي تۆت قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ پەلەستىنلىك ھۇجۇم قىلغۇچى نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن،تۆت ئىسرائىلىيەلىك يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ساقچى ۋە ئىسرائىلىيە ئەسكىرىمۇ بار. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى