باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇ لىنا: مۇھەببەت ئۈچۈن مەن شىنجاڭدىن ئايرىلمايمەن

2015.10.13 09:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شېنياڭلىق قىزچاق شىنجاڭلىق يىگىت بىلەن توي قىلدى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە قۇياش نۇرى پامىر ئېگىزلىكىگە سېخىيلىك بىلەن چېچىلىپ تۇراتتى، يوپۇرماقلار ئالتۇندەك جۇلالىنىپ، ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى قايراق كەنتىدىكى ئاددىي دېھقان ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدىكى ئۇيغۇرلاردەك كىيىنگەن بۇ ئايالنىڭ خەنزۇ ئايال جۇ لىنا ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.

  جۇ لىنا كىچىكىدىن شېنياڭ شەھىرىدە چوڭ بولغان، 1986 - يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ مەلۇم دۆلەت كارخانىسىدا ئىشلىگەن. 1992 - يىلى كارخانا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىن يەسلىدە ئوقۇتقۇچى بولغان، كېيىن شېنياڭ شەھىرىدىكى «ۋۇئەي» توپ سېتىش بازىرىدا سودا - سېتىق قىلغان. شۇ چاغدا جۇ لىنا ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك جۈپتى نەسىرۇللا ئۆمەر بىلەن تونۇشۇپ قالغان.

  نەسىرۇللا ئۆمەر تىلغا ئېلىنسا، جۇ لىنا قەلبىدىكى بەخت تۇيغۇسىنى يوشۇرالماي سۆزلەپلا كېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا نەسىرۇللا ئۆمەر كوچىدا كاۋاپ سېتىۋاتقان ئىكەن، ئۇ كاۋاپنى بەك ياخشى پىشۇرىدىكەن، مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم، ئۇ قاپقارا قاشلىق، يوغان كۆزلۈك، ئىنتايىن كېلىشكەن يىگىت ئىدى، يەنە كېلىپ ئىنتايىن سەمىمىي، ۋاپادار ئىدى، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ بۇ پەزىلەتلىرى تولۇق ئىسپاتلاندى.

  ئۇ چاغلاردا شېنياڭ شەھىرىدىكى «ۋۇئەي» توپ سېتىش بازىرىدىكى ئوتتۇرا كوچىدا كاۋاپ ساتىدىغان نەسىرۇللا ئۆمەر خەنزۇ تىلىنى ئانچە پىششىق بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ گەپلىرىنى باشقىلار چۈشىنەلمەيتتى. لېكىن، جۇ لىنا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمىسىمۇ، كۆڭلىدە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دوستلىرى بىلەن بىر - بىرىنى نۆۋەتلىشىپ مېھمان قىلىپ، كۈندە كاۋاپ يېگىلى باردى. ئۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ كاۋاپنى يەپ بولغاندىن كېيىن زىخنى يەرگە تاشلىۋېتىدىغانلىقىنى، نەسىرۇللا ئۆمەرنىڭ ئۆزى يالغۇز يىغىشتۇرۇپ يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يەردىكى زىخلارنى تېرىشىپ بەردى. شۇنداق باردى - كەلدى قىلىش جەريانىدا نەسىرۇللا ئۆمەر جۇ لىنادىن خەنزۇ تىلى ئۆگەندى، يەنە تېخى شىمالىي جۇڭگو شىۋىسىنىمۇ ئانچە - مۇنچە ئۆگىنىۋالدى، جۇ لىنا كاۋاپ يېگىلى كەلگەچ نەسىرۇللا ئۆمەرگە خەنزۇ تىلى ئۆگەتتى.

  نەسىرۇللا ئۆمەر خەنزۇچە خەت يازالمىغاچقا، جۇ لىنا ئۇنىڭ ئانىسىغا پۇل سېلىشىغا ياردەملەشتى.

  جۇ لىنا مۇنداق دېدى: ئۇ ئائىلىسىگە ئىنتايىن كۆيۈنىدۇ، تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، مەسئۇلىيەتچان ياخشى ئەر، ئىنتايىن سەمىمىي، ۋاپادار، ئاددىي - ساددا.

  جۇ لىنا ھازىرغىچە ئېرى نەسىرۇللا ئۆمەرنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختايدۇ. 1997 - يىلى جۇ لىنا ئۆيدىكىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ئۈچ يىل مۇھەببەتلەشكەن يىگىتى نەسىرۇللا ئۆمەر بىلەن توي قىلدى، تويدىن كېيىن ئۇلار يەنە داۋاملىق كاۋاپچىلىق قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىدى، ئۇلار «ۋۇئەي» توپ سېتىش بازىرى ۋە «نەنتا» ئاياغ شەھەرچىسى ئالدىدا ئالدىراش كاۋاپچىلىق قىلدى، كۈنلىرى ئىنتايىن جاپالىق ئۆتسىمۇ، ئۇلار ئىشچان قوللىرىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇشىنى ياراتتى. توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى مېۋە بېرىپ، پەرزەنتلىك بولدى. بۇ ئارىلىقتا ئۇلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم شىنجاڭغا قايتتى، 2006 - يىلى شېنياڭ شەھىرىدىكى ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي تاماملاپ، شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى.

  ئېگىزلىكتىكى ئەڭ گۈزەل كەنت ئوقۇتقۇچىسى

  جۇ لىنا شىنجاڭغا تۇنجى كەلگەندىكى ھېسسىياتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا شىنجاڭ ماڭا ئىنتايىن گۈزەل تۇيۇلدى، لېكىن، يەنىلا ئويلىغىنىمدەك ئەمەس ئىدى. شېغىل يوللاردا مېڭىپ يېڭى ئالغان ئايىغىم يىرتىلىپ كەتتى، كەنتتىكىلەر ئىنتايىن نامرات بولسىمۇ، تولىمۇ قىزغىن ئىدى.جۇ لىنا 2700 نوپۇس بار قايراق كەنتىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ ئىدى، ئۇ بىكار ۋاقتىدا كەنتتىكى بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتەتتى. بۇ خەۋەر ئەتراپقا تارقالغاندىن كېيىن، قايراق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى جۇ لىنانى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنى قايراق باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ خەنزۇ تىلى دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ جۇ لىنا تېزلا قايراق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالدى ھەم 1 - يىللىقنىڭ سىنىپ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: مەن كىچىكىمدىنلا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئەينى يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇرۇم كەملەپ قېلىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەنىدىم، بىزنىڭ ئۆيدە بالا كۆپ، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغاچقا داۋاملىق ئوقۇيالمىغانىدىم، شۇڭا، ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇمنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلگەنىدىم.

  جۇ لىنانىڭ بالىلارغا ئۆتكەن تۇنجى سائەتلىك دەرسى ھېلىھەم ئېسىدە ئېنىق بار ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بالىلار خەنزۇ تىلىنى ئاساسەن بىلمەيتتى، مەنمۇ ئۇيغۇر تىلى بىلمەيتتىم. مەن بالىلارغا مېنى «جۇ مۇئەللىم» دەڭلا دېسەم، ئۇلارنىڭ تىلى كەلمىدى.ئۇ بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى تېزرەك ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن، بىر يۈرۈش «قىزىقتۇرۇپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى»نى ئىجاد قىلدى. ئۇ 40 مىنۇتلۇق دەرس سائىتىدە 15 مىنۇتلا دەرس سۆزلەپ، قالغان ۋاقتىدا بالىلارنى بىر - بىرلەپ مۇنبەرگە چىقىرىپ سۆزلەتتى، ئۆگەنمەكچى بولغان خەنزۇچە خەتنى ئويۇنچۇقلارغا يازدى، بالىلار خەنزۇچە خەت يېزىلغان ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ ئويۇن ئوينىدى ۋە شۇ جەرياندا ئويۇنچۇققا يېزىلغان خەتلەرنى تونۇۋالدى. نەسىرۇللا ئۆمەر مۇنداق دېدى: مەن ئۇنىڭ شۇنداق جاپالىق ئىشلەپمۇ ئايدا ئاران 300 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، داۋاملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشىغا قارشى تۇردۇم. ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كۆرە، مەن بىلەن كاۋاپ ساتقىنى تۈزۈك، دەپ قارىدىم. يەرلىكتە 2010 - يىلى «قوش تىل» يەسلىسىگە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغاندا، جۇ لىنا بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردى، لېكىن، ئۇنىڭ يېشى چوڭ، تولۇق كۇرس دىپلومى بولمىغاچقا، يەنە كېلىپ يەرلىكتە نوپۇسى بولمىغاچقا، بۇ خىزمەتكە ئېرىشىشى تەسكە توختىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى مەسئۇل تارماقلارغا ئىنكاس قىلغاندىن كېيىن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ياردىمىدە، ئاخىر ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپ −− ئوقۇتقۇچى بولدى.جۇ لىنا 2010 - يىلى 9 - ئايدا ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى مەركىزىي «قوش تىل» يەسلىسىگە يۆتكىلىپ، ھازىرقى ياۋىلىق كەنتى «قوش تىل» يەسلىسىنىڭ مۇدىرى بولدى، خىزمەت ئورنى تەڭشەلگەن بولسىمۇ، جۇ لىنانىڭ بالىلارغا بولغان مۇھەببىتى ئۆزگەرمىدى، خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىمۇ سۇسلاشماي، داۋاملىق قېتىرقىنىپ ئىشلىدى.ياۋىلىق كەنتى «قوش تىل» يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاينۇر ئاتاقۇل مۇنداق دېدى: جۇ مۇدىر خۇددى ھەدىمىزدەك، ئانىمىزدەك بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سەھەردە مەن توكسىكلىتنى مىنىپ بازاردىن يەسلىگە كېتىۋاتقاندا، بىر ئاپتوموبىل كەينى تەرىپىمدىن سوقۇۋېتىپ يارىلانغانىدىم، شۇ چاغدا تۇنجى بولۇپ جۇ مۇدىرغا تېلېفون قىلدىم، بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگەن جۇ لىنا ئېرى بىلەن بىللە مېنى بازارلىق شىپاخانىغا ئاپاردى، ئاددىيلا تاڭدۇرغاندىن كېيىن، يەنە قەشقەر خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپاردى...ھازىر مائاشى يۇقىرى بولمىغان ئەھۋالدا، جۇ لىنا ھەر ئايدا يېنىدىن 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە چىقىرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىغا ياردەم قىلىپ، بالىلارغا سومكا، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بەردى. جۇ لىنا مۇنداق دېدى: مەن داۋاملىق ئوقۇيالمىغانلىقىمدىن ھازىرغىچە ئازابلىنىمەن، شۇڭا، بالىلارنىڭ نامراتلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قېلىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن. 2014 - يىل 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيىتى «ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسىنى ئىزدەش»نىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، جۇ لىنا مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىپ، «ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسى» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى.ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدىكى «گۈلەندەم»قايراق كەنتىدە جۇ لىنا بىردىنبىر خەنزۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەم ئېرىنىڭ تۇغقانلىرى ئۇنى قوبۇل قىلدى ۋە ياقتۇرۇپ قېلىشتى، شۇنداقلا كەنتتىكىلەرنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  نەسىرۇللا ئۆمەر مۇنداق دېدى: جۇ لىنا مېنىڭ گۈلەندەمىم، يۈرەك باغرىم، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنىم مېنىڭ تەلىيىم.

  جۇ لىنا مۇنداق دېدى: قايراق كەنتىگە ياتلىق بولۇش مېنىڭ بەختىم. قايراق كەنتى ناھايىتى ئىناق بىر چوڭ ئائىلە. كەنتتە كىمنىڭ ئۆيىدە توي ياكى نەزىر بولسا، قېينانىسى جۇ لىنانى باشلاپ بارىدۇ، ئۇنى خۇددى ئۆز قىزىدەك كۆرىدۇ. 2008 - يىلى 2 - ئايدا جۇ لىنانىڭ ئوغلى ئاتافات قايراق كەنتىدە تۇغۇلىدۇ، 76 ياشقا كىرگەن قېينانىسى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بىرمۇ كىشى خەنزۇچە سۆزلەشنى بىلمەيدىغان بۇ كەنتتە، جۇ لىنا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۇيغۇرچىنى چۈشىنەلەيدىغان بولىدۇ، ئۇيغۇر كېلىن بىلىشكە تېگىشلىك ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆگىنىدۇ. جۇلىنا مۇنداق دېدى: مەن ئەينى ۋاقىتتا تۇرمۇش كىشىگە نۇرغۇن ئىشنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلدىم، مەن تۇغۇلۇشىمدىلا شىنجاڭلىق كېلىن بولىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم.

  ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى تونۇدى. جۇ لىنا قوشنىلىرى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى، كەنتتىكىلەرمۇ ئۇنى يات كۆرمىدى، ئۇ بۇ كەنتنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى.

  ئۇنىڭ قىزى ئايگۈل بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن بولۇپ، تيەنجىن ۋېيشەن يولى ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ، ئوغلى يەتتە ياشتا بولۇپ، كەنتتە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.

  ئانىسى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن قىزى ئايگۈل مۇنداق دېدى: مەن ئانامغا ئىنتايىن قايىل، ئۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كەلدى، خىزمەتتىن سىرت ئائىلە ئىشلىرىنى ناھايىتى ياخشى قىلىپ كەلدى، ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس، ئائىلىدىكى ھەممىمىز ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمىز.

  خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، جۇ لىنا شېنياڭ شەھىرىگە نەچچە يىلدا بىر قېتىم قايتاتتى. ھازىر دادىسى بىلەن ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەچكە، تۇغقانلىرى ئۇنى شېنياڭ شەھىرىگە قايتىپ كېلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ ئاتۇشنى ئۆزىنىڭ يۇرتى دەپ بىلدى.

  بەزىلەر ئۇنىڭدىن سېنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمدۇ؟ دەپ سورىغىنىدا، ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە: مېنىڭچە، مۇشۇنداق ئۆتسەم خۇشال ياشايدىكەنمەن. مۇشۇ بالىلار بولمىسا، يۇرتداشلاردىن ئايرىلىپ قالسام، ئۆزۈمنى بۆلەكچە ھېس قىلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. مۇشۇنداق ئاددىي سۆز جۇ لىنا، يۇرتداشلار، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، «مۇھەببەت» جۇ لىنا ۋە ئۇيغۇر يۇرتداشلارنى بىر يەرگە جەم قىلدى، «مۇھەببەت» جۇ لىناغا ئوخشىمىغان يولنى تاللاتقۇزدى؛ مۇھەببەت «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۆيگۈسى»نى قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇردى!

  جۇ لىنا مۇنداق دېدى: بەزىلەر مېنى كالۋا ئىكەن، شەرقىي شىمالدىن غەربىي شىمالغا كەپتۇ، ئۇ يەردە يا تۇغقىنى، يا دوست - بۇرادەرلىرى بولمىسا، دەپ قارىشىدۇ. لېكىن، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تۇغقىنىم، بۇ يەر ماڭا موھتاج، بالىلار ماڭا موھتاج. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: مۇھەببەت ئۈچۈن شىنجاڭدا قېلىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر