مۇھەببەت مۇشۇنداق يا ئەمەس ئۇنداق
ئابدۇرېشىت ئېلى
2015.10.15 16:29 مەنبە: خەلق تورى
باھارنى كۆردۈممەن تاش ئورۇندۇقتا
تۇرۇپتۇ شامالغا دەردىنى سۆزلەپ.
چىقمىدى بۇ جېنىم سەن ئاتقان ئوقتا،
نە قىلاي ئاھ، ئەمدى مەن يەنە تىترەپ؟!
چۆل دېگەن ئەسلىدە بىر تال گۈل ئىدى
قارىساڭ بار ئەمما كۆرۈنمەس بارساڭ.
ئازدۇرۇپ تىنمايدۇ بىپايان ھىدى،
ئۆگزىگە تاش ئاتار ئوقۇغان ناخشاڭ.
سەزسەكمۇ مەجبۇرسەن شۇك ئولتۇرۇشقا،
تاماكاڭ قۇلۇڭنى كۆيدۈرۈپ بارار.
ھېچ سەۋەب كەتمەيدۇ ئاشىق بولۇشقا،
ئۇيقۇسىز كېچىلەر كۆكسىنى يارار.
يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى كۆرمىسەم دەيمەن
دەرەخكە يۆلەنسەم ئۆزۈمدىن يىراق.
خاتىرەم ئالدىڭدا يېيىلغان ئەينەن...
مۇھەببەت مۇشۇنداق يا ئەمەس ئۇنداق!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر