كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتتىم سىزنى
ئابدۇرېشىت ئېلى
2015.10.15 16:27 مەنبە: خەلق تورى
سېغىنغىنىم راستۇر، بىلسىڭىز
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتتىم سىزنى.
لەۋلىرىمنى چىشلىگەن بولسام،
ئۇنتۇماپتۇ دەڭ ئىككىمىزنى.
يوللار ئۇزاق، ئوخشار كۈتۈشكە،
بۇسۇغىنىڭ ئۈستىدە قالغان.
قانمىغىنىم راستۇر بىر قېتىم،
ئاھ، ئۇنىڭدىن باشقىسى يالغان.
ئۇزلىقىڭىز مېنى قىينايدۇ،
يوقلىقىڭىز ئۇچار كۈزۈمدىن.
مۇھەببەتكە ئاسىيمەن شۇنداق
قەدىرلىكسىز ماڭا ئۆلۈمدىن.
ئاقيول بولسۇن، يىتىڭ مەنزىلگە،
مەن بولۇشۇم مۇمكىن كۈتكىنى.
قولۇمدىكى بىر تال ئەتىرگۈل،
جۇدالىقتۇر بەلكىم يۈتكىنى.
2014- يىلى 15- مارت
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر