بەلكىم ئەمدى ياغالمايدۇ قار
ئابدۇرېشىت ئېلى
2015.10.15 16:24 مەنبە: خەلق تورى
بىر تال يۇلتۇز ياكى يالغۇزلۇق
مەنىسىدۇر مۇشۇ تۈنلەرنىڭ.
سېغىنىش بار، ئاھ سۆيۈشلەر يوق،
باغرى يارا ئاشىق كۈنلەرنىڭ.
ناخشا ئېيتىپ ئۆتكەن بولساڭ گەر
ئاڭلىغاندۇ قىش دەرەخلىرى.
قەدەھ يېرىم، لېۋىمدە سۆزلەر،
ئىشىكىمنى چېكىدۇ بىرى.
بەلكىم ئەمدى ياغالمايدۇ قار،
كوچىلارغا چۈشمەس بىر جۈپ ئىز.
مىڭ ھەسرىتا، چېچىنى يۇلار
خاتىرەمنىڭ قېتىدىكى قىز...
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر