سەزمەس ئەمدى شادلىقنى يۈرەك
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
2015.10.15 13:06 مەنبە: خەلق تورى
كاج تەقدىرگە بوي بەردۇق ئاخىر،
كۆز قىيماستىن كەتتۇق ئايرىلىپ.
مەن يوشۇردۇم كۆز ياشلىرىمنى،
سەن باقمىدىڭ تېخى قايرىلىپ...
شاد كۈلكىلەر باقمايدۇ ئەمدى،
چۆمۈلمەيمىز يارقىن نۇرلارغا.
شېئىر يازماق بولساق ئەگەردە،
ئازاب سىڭەر بەلكىم قۇرلارغا.
ئاھ، تۇيغۇلار شۈنچىلىك مىسكىن،
يۈرەلمەيمىز مەغرۇر كېرىلىپ.
كۆز يېشىغا چىلىنار ھايات،
كۈلەلمەيمىز گۈلدەك ئېچىلىپ.
بەخت نېمە؟ بىزگە ناتونۇش،
سەزمەس ئەمدى شادلىقنى يۈرەك.
بولغىنىدا سۆيگۈ بەزمىسى،
كۆز يېشىنى قىلارمىز كۆرەك!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر