باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﻳﯜرەﻛﻠﻪر ﺑﻪرﮔﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎمچىلار ﭘﯩﻐﺎن

ئۆمەرجان سىدىق

2015.09.09 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﺎﻣﭽﯩلاپ ﺗﯜﮔﻪر ﺑﯘ ﮬﺎﻳﺎت،
ﮬﻪم ﺗﺎرﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪە ﻗﺎلار ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت.
ﺋﺎھ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪر ﺑﯩﺨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎت-ﻗﺎت،
ﺟﯜپ ﻳﯜرەك ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ ﺋﻪﺑﻪت.

ﺋﻪﻗﯩﺪە ﮔﯜﻟﻠﯩﺮى ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮزۇپ،
ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪر ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎن ﺳﯜﻛﯜت.
ﺑﻪزﯨﺪە ﭼﯜﺷﯜﯕﻨﻰ ﻗﻮﻳﺎﻣﺪۇ ﺑﯘزۇپ،
ﺋﯧﯖﯩﯖﺪا ﻣﯚﮬﯜرﮔﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن ﺋﯜﻣﯩﺪ.

ﺑﯘ ﻗﻪدﯨﻢ ﺷﻪﮬﻪردە ﻳﯜرﯨﺴﻪن ﺋﻮﻳﭽﺎن،
ﺋﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻠﯩﺮى ﭘﻮرەﻛﻠﯩﻤﻪس ﮬﯧﭻ.
ﻳﯜرەﻛﻠﻪر ﺑﻪرﮔﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﭽﯩلار ﭘﯩﻐﺎن،
ﻳﺎش ﺗﯚﻛﯜپ ﺗﯜﻧﻠﯩﺮﯨﯔ ﺋﺎزاﺑﻠﯩﻖ، ﺗﯩﻨﭻ.

ﻣﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﯔ ﺗﻮﻟﯩﺪۇ ﻳﺎﺷﻘﺎ،
ﻟﯧﯟﯨﯖﺪە ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﭼﺎﻗﻨﺎﻳﺪۇ ﺑﯩﺮاق.
ﺋﺎھ ﻛﯩﻤﻠﻪر ﺗﺎﯕﻐﺎﻧﻜﯩﻦ ﺗﺎﺷﻨﻰ ﺗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ،
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﺎش ﻳﯜرەﻛﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮاق؟!

ﻳﺎق، ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﮬﯘﺟﺮاﯕﻐﺎ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮ،
ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭘلا ﺗﯚﺷﻪﻛﺘﻪ ﺋﯧﺮﯨﭗ.
ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎن ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮ،
ﺗﯘﻳﻐﯘﯕﻨﻰ ﻗﻮش ﻗﻮﻟلاپ ﻗﻮﻳﯩﺴﻪن ﺑﯧﺮﯨﭗ.

ﺋﯧﺴﯩﯖﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺴﻪن، ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﺗﯩﻨﯩﻖ،
ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﺑﺎرﻣﺎﻗلار ﭼﯩﺮﻣﯩﻐﺎن ﺳﯧﻨﻰ.
ﻗﯩﻴﻨﺎﻳﺪۇ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪا ﺗﯩﺘﺮﯨﮕﻪن ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ،
ﺋﺎھ، ﺋﻪﭘﺴﯘس ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪن ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯧﻨﻰ!...
ﺑﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﺴﯩﺰ دەﮬﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎزاب،
ﺑﺎﻏﺮﯨﯖﻨﻰ ﺧﯘن ﻗﯩلار ﻗﯘرﺗﺘﻪك ﻏﺎﺟﺎپ.
ﭼﯧﭽﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻟلاپ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮزﻟﭗ،
ﻣﯩﯔ ﻗﺎرﻏﯩﺶ ﻗﯩلارﺳﻪن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﻰ ﺗﺎﻟلاپ.

ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻰ، ﻏﯧﻤﻰ،
ﻗﻮﻳﯩﺪۇ ﺑﯩﺮدﯨﻨلا ﺳﯧﻨﻰ ﭼﺎرﭼﯩﺘﯩﭗ.
ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺴﻪن ﺳﯚﻳﻪۈﻧﻰ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ،
ﻳﯜرﯨﻜﯩﯔ ﺗﺎش ﻛﻪﺑﻰ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ ﻗﯧﺘﯩﭗ.

ﺋﺎھ دەردﻟﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت، ﺋﺎھ دەردﻟﯩﻚ ﺋﯜﻣﯩﺪ،
ﺳﻪﻧﻐﯘ ﺧﻪﻳﺮ دﯦﮕﻪﻧﺴﻪن ﮔﯜﻟﯜم ﻳﯩﺮاﻗﺘﺎ.
ﺑﯩﺮاق ﻣﻪن ﮬﻪر ﻣﯩﻨﯘت ﺋﺎزاﺑﺘﺎ ﺗﯩﺖ-ﺗﯩﺖ،
ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎرﻣﻪن ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﭘﯩﺮاﻗﺘﺎ!...
1996- ﻳﯩﻞ ﻓﯧﯟرال، ﺗﯘرﭘﺎن


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر