ئەقىدە
ھەبىبە ئىسمايىل
2015.03.27 15:33 مەنبە: خەلق تورى
ئەقىدە
ئاق قار يەرگە لەۋ ياققان چاغدا،
قار لەيلىسى ئۈنەر جىلمىيىپ.
بېلىق ئەمەس ئىدىم ۋە لېكىن،
بىر قارماققا قالدىم ئىلىنىپ.
ئاخشام سەنچۈن تىككەن كەشتەممۇ،
قان رەڭگىدە كەتتى بۇيىلىپ.
بويلىرىمدا جىگدە ھىدلىرى،
خىيالىمدىن كەتتىم ئۇيىلىپ.
كوكاتلىقتا ھىدلىساڭ بېدە،
تۆتقۇلاق بوپ ئۈنسەم رەڭ تۈزۈپ.
تىترەپ تۇرغان قوللىرىڭ بىلەن،
سۇندۇڭ مىنى كىمگە يار ئۈزۈپ؟!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر