باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىدىكى 32 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرسى __ مىسىر كوماندىسى توغرىسىدا

ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى «پادىشاھى» سالاھ يېتەكلىگەن مىسىر كوماندىسى

مىسىر فىرئەۋىن كوماندىسى 28 يىلدىن كېيىن قايتا دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا قاتناشتى

2018.05.29 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆت چوڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ بىرى بولغان قەدىمقى مىسىرنىڭ پۇتبولى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئوخشاش رىۋايەت تۈسىگە ئىگە. مىسىر ئافرىقا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن قېتىم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت، يەتتە قېتىم ئافرىقا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن رېكورتى بىلەن ئافرىقا پۇتبول سەھنىسىدە مۇتلەق پادىشاھلىق ئورۇنىدا تۇرىدۇ. بىراق مىسىرنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ئەھۋالى ئۇنىڭ ئافرىقا پۇتبول سەھنىسىدىكى غالىب ھالىتىگە ئانچە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

  مىسىر ئافرىقا رايونى بويىچە ئەڭ بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان دۆلەت، ئۇ 1934-يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتناشقان. لېكىن، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قەدەر، مىسىر ئارانلا ئىككى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشالىغان. ئالدىنقى قېتىم مىسىر دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا 1990-يىلى كىرگەن بولۇپ، ئۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە مىسىر كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم تەڭلىشىپ، بىر قېتىم ئۇتتۇرۇپ، گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان. يېقىندا، مىسىر ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشقا تاللانغان 29 كىشىلىك كوماندا ئەزالىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، كوماندىنىڭ باش كوزۇرى سالاھنىڭ بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى قالتىس ئىپادىسى سەۋەبىدىن، كىشىلەر مىسىر كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە باشقىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغىنىغا ئىشەنمەكتە.

  مىسىر دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ 29 كىشىلىك ئەزالار تىزىملىكى:

  ۋارىتار: ئەل خادارى (بۇرەيدەھ ھەمكارلىق كوماندىسى)، M ئەلسىناۋى (ئەل ئەھلى كوماندىسى) ئەكرامى (ئەل ئەھلى كوماندىسى)، ئاباد (ئىسمائىل كوماندىسى)

  بېك: ئەل ۋىنسى (زامالىك كوماندىسى)، فاتىخ (ئەل ئەھلى كوماندىسى)، سامىر (ئەل ئەھلى كوماندىسى)، ئەشرەف (ئەل ئەھلى كوماندىسى)، ئابدۇلشافىي (ئارافات كوماندىسى)، خېگازى (ۋېست بىروممىۋىچ كوماندىسى)، ئەل جەبۇر (ۋېست بىروممىۋىچ كوماندىسى)، ئەل مۇھەممەدى (ۋېلا كوماندىسى)، ھاپىز (لېنس كوماندىسى)، ئۆمەر جەبۇر (لوس-ئانژېلىس كوماندىسى)، تارىك (ئورلاندۇ شەھىرى كوماندىسى).

  ئوتتۇرا مەيدان: ئەلنەنىي (ئارسېنال كوماندىسى)، خەمىد (زامالىك كوماندىسى)، ئابدۇلئەزىز (زامالىك كوماندىسى)، شىكاباراھ (ئادىلايد كوماندىسى)، ئەلسەيد (گۇبىس كوماندىسى)، موسا (ۋىگان رىقابەت كوماندىسى)، قاھرابىي (ئېتىقاد كوماندىسى)، سوبىچ (سىتوكھولم شەھىرى)، تېرىزىگېت (قاسىم پادىشاھ كوماندىسى)، ۋاردا (ئارترومىتوس كوماندىسى)

  ھۇجۇمچى: سالاھ (لىۋىرپول كوماندىسى)، موھسىن (ئەلئەھلى كوماندىسى)، گېما (ئەلماسرىي كوماندىسى)، كوكا (بۇراگا كوماندىسى).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر