باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەرقايسى ئەللەر پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ 140- نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى

2019.04.10 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 6- كۈنى ھەرقايسى ئەللەر پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ 140- نۆۋەتلىك يىغىنى قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلدى. 160 نەچچە دۆلەتنىڭ پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ ئۆمەك باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى .

  شېن يۆيۆ 8- چېسلا يىغىننىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، لېكىن تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يەنىلا دەۋرنىڭ ئاساسىي تېمىسىدۇر. پۈتكۈل ئىنسانلار بولسا، بىر تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىدۇر، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشقا مۇھتاج. تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئەسلىدە پارلامېنت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى ۋە بوشاشماي ئىنتىلىش نىشانىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى چوقۇم ئارازلىقنى تۈگىتىش،زىددىيەتنى پەسەيتىش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشلىرى كېرەك.

  يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، شېن يۆيۆ يەنە يىغىنغا قاتناشقان ۋېيتنام، قازاقىستان، نېپال، رۇسىيە، موڭغۇلىيە ۋە قاتار قاتارلىق كۆپ دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر