باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيلىرىدىكى «چىراينى پەرقلەندۈرۈش»نىڭ ئىدارە قىلىش ئىلھامى بىلەن

2019.04.10 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ فېڭتەي رايونىنىڭ يۆيۈەنسى ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە كېلىپ، چىراينى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى كۆردۈم: ئولتۇراق رايوندا تۇرغۇچى بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈزىنى سىكاننېرلىسىلا ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئېچىلدى، بىر ئوتتۇرا ياش كىشى موتسىكلىت ھەيدەپ ئولتۇراق رايونغا بىۋاسىتە كىرمەكچى بولىۋېدى، لېكىن چىرايىنى پەرقلەندۈرەلمەي كىرەلمىدى، باشقىلاردىن سورىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى بولمىغاچقا، كىملىكىنى سىكاننېرلىغاندىن كېيىن ئاندىن كىرەلەيدىغانلىقىنى بىلدى. چىراينى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى خۇددى كۆرۈنمەس ئىشىك ئىلاھىغا ئوخشاش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئولتۇراق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقتا.

  ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە چىراينى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېغىشلىغاندىن باشقا، چىراينى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى يەنە بىر خىل ئادىللىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ، بۇنىڭدا ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنىڭ ئادىل تەقسىماتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان. يۆيۈەنسى ئولتۇراق رايونىنى مىسالغا ئالساق، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنىڭ ئايلىق ئىجارىسى ئەتراپتىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ يېرىمىغا باراۋەر، بۇنداق باھا پەرقى ئۆتكۈزۈپ ئىجارىگە بېرىش-ئېلىشنى پايدا ئالىدىغان «سودا»غا ئايلاندۇردى. ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ئۆتكۈزۈپ ئىجارىگە بېرىش-ئېلىشنى قانداق ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئادىل تەقسىماتىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش شەھەرنى ئىدارە قىلغۇچىلار دۇچ كەلگەن ئىمتىھان سوئالىغا، شۇنداقلا جايلار ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى.

  چىراينى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، سىستېمىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرغۇچىلارلا يۈزىنى سىكاننېرلاپ كىرەلەيدۇ، ئۆتكۈزۈپ ئىجارىگە بېرىش-ئېلىش ئارقىلىق سۇقۇنۇپ كىرىۋالغانلار كۆز بوياپ ئۆتەلمەيدۇ. بېيجىڭ ھازىر 68 ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى تۈرىگە چىراينى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى ئورناتتى، كەلگۈسىدە پۈتۈن شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆي تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. قاپلاش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، شەھەرنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئادىل تەقسىملىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئىدارە قىلىش ئىلھامى بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر