باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش ئىشخانىسى تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ تۆت پىكىر ئېلان قىلدى

2019.04.10 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش ئىشخانىسى 9-ئاپرېل بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتقا ن «رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»، «<كۆز بويامچىلىق قەرزى> جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»، «مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش جەريانىدىكى مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»، «<يۇمشاق زوراۋانلىق>قا دائىر جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق تۆت پىكىرنى ئېلان قىلدى.

  مەركەز سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يىشىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ تۆت پىكىرنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنسىز جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  چېن يىشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش ۋە رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يارولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى. مەخسۇس كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان زور تۈركۈم دېلولار ئارقا-ئارقىدىن ئەيىبلەش، سوت قىلىش ھالقىسىغا كىرىپ، قانۇن-نىزاملارنى توغرا تەتبىقلاش، مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنسىز جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازاشقا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. مەملىكەتلىك مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش ئىشخانىسىنىڭ بۇ تۆت پىكىرنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشى مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ دېلوسىنى بېجىرىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنسىز جىنايىتىگە قانۇن بويىچە توغرا، ۋاقتىدا زەربە بېرىشكە پائال ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر